UyghurWiki
UyghurWikiماسالمۈشۈك بىلەن بۈركۈت

مۈشۈك بىلەن بۈركۈت

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى ئانا مۈشۈك ئۈچ ئاسلىنىنى ئەگەشتۈرۈپ باغچىدا ئويناپ يۈرەتتى. بىر چاغدا بۈركۈت پەيدا بولۇپ، باغچىغا چۈشۈپ ئاسلانلاردىن بىرنى تۇتۇۋالدى. ئانا مۈشۈك بۈركۈتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە ئىمكان بەرمەي، چاقماقتەك تېزلىك بىلەن بۈركۈتكە تاشلاندى. بۈركۈت ئاسلاننى قويۇۋېتىپ ئانىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ئانا مۈشۈك تىرناقلىرى بىلەن بۈركۈتنىڭ پەيلىرىنى يۇلۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى بوياشقا، بۈركۈت بولسا تۇمشۇقى بىلەن مۈشۈكنىڭ قەيىرى توغرا كەلسە شۇ يېرىنى چوقۇشقا باشلىدى. ھەر ئىككىسى بىر - بىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. مۈشۈك كۈچلۈك بۈركۈت بىلەن ئېلىشىپ بەك چارچىدى ۋە ھالسىزلىنىشقا باشلىدى. شۇ چاغدىلا بۈركۈت چوقۇپ، ئۇنىڭ بىر كۆزىنى چىقاردى. جاندىن ئۆتىدىغان ئاچچىق ئاغرىقنى ھېس قىلغان مۈشۈك بۈركۈتكە تېخىمۇ جان - جەھلى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئۇنىڭ كانىيىغا يېپىشتى ۋە تاكى بۈركۈتنىڭ جېنى چىققۇچە قويۇپ بەرمىدى. بۈركۈت يېقىتقان مۈشۈك ئاسلانلىرىنىڭ يېنىغا قاراپ يۈگۈردى ۋە ئۆزىنىڭ جاراھىتىنى ئېسىدىن چىقارغان ھالدا بالىسىنىڭ جاراھىتىنى يالاشقا باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار ماسال