قۇشقاچنىڭ ساياھىتى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ھاۋا سوغۇق قەھرىتان،
قاپاق ياردى بولغان چاغ.
كەتكەنىدى ئۇيقۇغا،
قار ئىچىدە پۈتۈن باغ.
ئوزۇق ئىزدەپ ئاق قۇشقاچ،
ئۇچۇپ كەپتۇ شۇ باغقا.
مەنسىتمەستىن قونۇپتۇ،
>قۇرۇپ قالغان< بىر شاخقا.
نەپ بەرمەس دەپ دەرەخكە،
كايىپتۇ ئۇ ۋىچىرلاپ.
- ئۇخلىغىلى قوي، - دەپتۇ،
دەرەخ ئاڭا پىچىرلاپ.
ئايلار ئۆتۈپ، باھار كەپ،
سۇ ئېقىپتۇ شارقىراپ.
ئۇچۇپ كەتكەن ئاق قۇشقاچ،
كەپتۇ يەنە ۋارقىراپ:
تالاي يەرنى ئىگىلەپ،
تۇرۇپسەنغۇ كۆكىرىپ.
ھېچ پايداڭ يوق ئۆزۈڭچە،
تېرىلىپسەن بىخ سۈرۈپ.
مەن جېنىمدا ئېتىزدىن،
قۇرت - قوڭغۇز تېرىمەن.
ئنسان ئۈچۈن پايدىلىق،
ئىشنى قىلىپ قېرىيمەن.
كۆرسە مېنى شۇڭلاشقا،
يايراپ كېتەر دالىلار.
ئوينار دائىم مەن بىلەن،
ئوماق كىچىك بالىلار...
شۇنداق دەپلا ئاق قۇشقاچ،
راۋان بوپتۇ يولىغا.
كۈلۈشۈپتۇ دەرەخلەر،
قاراپ ئوڭ ۋە سولغا.
ئۇزۇن ئۆتمەي ياز كەپتۇ،
كۆلگە ئۆردەك، غاز كەپتۇ.
كاككۇك، بۇلبۇل، تورغايغا،
كەڭتاشا باغ تار كەپتۇ.
ئېچىلىپتۇ دەرەخنىڭ،
شاخ شېخىدا گۈل - چېچەك.
ئۇسسۇل ئويناپ كۈلۈپتۇ،
بال ھەرىسى، كېپىنەك.
كەپتۇ باغقا ئاق قۇشقاچ،
كۆپ يەرلەرنى ئايلىنىپ.
تەن بەرمەپتۇ يەنىلا،
ئۆز ئىشىدىن ماختىنىپ:
- چېچەكلىرىڭ نېمىدى،
كۆردۈم، ھېچكىم يېمىدى.
سېنى ئەمدى بالىلار،
مەندەك ياخشى كۆرمىدى.
قۇلاق سالماي دەرەخنىڭ،
>توختا!< دېگەن سۆزىگە.
ئۇچۇپتۇ ئۇ ھېچكىمنى،
تەڭ قىلماستىن ئۆزىگە.
كەپتۇ ئالتۇن كۈز پەسلى،
قۇشقاچ يەنە شۇ باغقا.
تۇرۇپ قاپتۇ داڭ قېتىپ،
قاراپ بېقىپ ھەر ياققا.
دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى،
تۇرغۇدەكمىش ئېگىلىپ.
مەڭزى قىزىل ئالمىلار،
چۈشۈپتۇمىش تىزىلىپ.
پۈركىنىپتۇ باغ ئىچى،
قاينام - تاشقىن شادلىققا.
ماشىنىلار تولۇپتۇ،
ئالما - ئانار - تاتلىققا.
ئىشلەر ئىكەن بالىلار،
ناخشىسىنى ياڭرىتىپ.
مېۋە توشۇپ سېۋەتلەپ،
كۈلۈر ئىكەن شادلىنىپ.
كېلەلمەپتۇ ئاق قۇشقاچ،
دەرەخلەرنىڭ قېشىغا.
خىجىل بوپتۇ تولىمۇ،
قىلغان ھەر بىر ئىشىغا.