UyghurWiki
UyghurWikiماسالئەخمەق ئادەم بىلەن چاشقان

ئەخمەق ئادەم بىلەن چاشقان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇندا بىر ئەخمەق ئادەم بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۆيىدە چاشقانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەيلى ئۇ ئېتىزغا ئىشلىگىلى كەتسۇن، مەيلى ئۆيىدە ئارام ئالغان كۈنلىرى بولسۇن، چاشقانلار ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى قىلىۋېرىپتۇ. ئەخمەق ئادەم ئامالسىز قېلىپ، ئاخىر مۈشۈكتىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. بۇ مۈشۈك ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەن، تۆت پۇتىنىڭ ئۇچى ئاپئاق بولۇپ، خۇددى ئاق پايپاق كىيىۋالغاندەك كۆرۈنىدىكەن. مۈشۈك ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئىگىسى ئۆيدە بولسۇن - بولمىسۇن تىنىم تاپماي چاشقان تۇتىدىكەن. ئەخمەق ئادەم مۈشۈك تۇتۇپ بەرگەن چاشقانلارنىڭ گۆشى بىلەن تېرىسىنى سېتىش ئارقىلىق خېلى باي بولۇپ قاپتۇ، ئۇ جۇغلىغان پۇللىرىغا ئۈنئالغۇدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. بىر كۈنى، ئۇ مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازىنى ئۈنئالغۇغا كۆچۈرۈۋېلىپ، مۈشۈكنى سېتىۋەتسەم، ئۇ يەيدىغان ئاشلىقنىمۇ تېجەپ قالالايدىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇرۇنقىدەك پۇل تاپالايدىكەنمەن، دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئەتىسى مۈشۈكنى ئاپىرىپ سېتىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر كۈنى ئۈنئالغۇنى چاشقانلارنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئاۋازىنى بولۇشىچە قويۇۋېتىپتۇ. ئۇدا بەش كۈن ئۆتۈپتۇ، ئۇۋىسىنىڭ ئالدىدىكى ئۈنئالغۇدىن چىققان مۈشۈكنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇپ كەتكەن چاشقانلار ئۇۋىسىدىن چىقالماي ئاچلىقتا ئۆلەي دەپتۇ. بۇنىڭغا چىدىيالمىغان بىر چاشقان: ئەگەر مۇشۇنداق تۇرۇۋەرسەڭ ھەممىمىز ئۆلۈپ تۈگەيمىز، ئۇنىڭدىن كۆرە، مەن چىقىپ كۆزىتىپ باقاي دەپتۇ - دە، ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن ئىككى پۇتىنى ئاران - ئاران يۆتكەپ، تۆشۈكتىن بېشىنى چىقىرىپ ئۆي ئىچىنى كۆزىتىپتۇ. قارىسا، ئۆيدە مۈشۈك يوق. مىياڭلىغان ئاۋاز بولسا ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقانىكەن. قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتكەن چاشقان بۇ خۇش خەۋەرنى ھەمراھلىرىغا يەتكۈزۈپتۇ. قورساقلىرى ئېچىپ كەتكەن چاشقانلار ئۇۋىسىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ، بەزىلىرى تاغاردىكى ئاشلىققا، بەزىلىرى ئەخمەق ئادەمنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىگە ھۇجۇم قىپتۇ. ئاشلىقلارنى يەپ چېچىپ، كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ھەممىسىنى كاردىن چىقىرىپتۇ. ئۈنئالغۇ بولسا ئورنىدىن قوزغالماستىن مىياڭلاۋېرىپتۇ. ئەخمەق ئادەم ئۆيىدىكى ۋەيرانچىلىقنى كۆرۈپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي تۇرۇپلا قاپتۇ...
← بارلىق تېمىلار ماسال