UyghurWiki
UyghurWikiماسالئۈچ توشقان

ئۈچ توشقان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئۈچ توشقان بار ئىكەن، ئۇلار كۈن بويى ئۇۋىسىدا يېتىۋېرىپ، يەيدىغان يەملىرى تۈگەپتۇ. چوڭ توشقان ئوتتۇرانچى توشقانغا: - تېزرەك بېرىپ، يەيدىغانغا ئازراق بىر نەرسە تېپىپ كەلگىن، - دەپتۇ. ئوتتۇرانچى توشقان ئۇكىسىغا: - ئالدى بىلەن سەن بېرىپ ئىزدەپ باققىن، - دەپتۇ. كىچىك توشقاننىڭ تازا ئاچچىقى كەپتۇ - دە: - نېمە ئۈچۈن زادى مەن بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدىكەنمەن. كىمنىڭ قورسىقى ئاچقان بولسا، شۇ ئۆزى بارسۇن، مېنىڭ قورسىقىم ئاچمىغاندىكىن، مەن بارمايمەن، - دەپتۇ. - مېنىڭ قورسىقىم ئاچمىدى. - دەپتۇ چوڭ توشقان دەرھال. - مېنىڭمۇ قورسىقىم ئاچمىدى، - دەپتۇ ئوتتۇرانچى توشقانمۇ. شۇنداق قىلىپ ئۈچ توشقاننىڭ ھېچقايسىسى ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە چىقماپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ ئورنىدىن تۇرالماس بولۇپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال