ۋاپادار دوستلار
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
كەپتەر بىلەن چۈمۈلە،
ئامراق ئىكەن، دوست ئىكەن.
شۇڭلاشقىمۇ ياتلارنىڭ،
تەڭ كېلىشى تەس ئىكەن.
ياشايدىكەن ئەزەلدىن،
يۆلەك بولۇپ ئۆز ئارا.
كەپتەر ئىكەن بەكمۇ ئاق،
چۈمۈلىجان قاپقارا.
ماكان ئىكەن ئۇلارغا،
دەريا بويى ئورمانلىق.
ياشاپ كەپتۇ كۆپ زامان،
ئىناق بولۇپ داۋاملىق.
ئاق كەپتەرنىڭ ئۇۋىسى،
ئىكەن دەرەخ ئۈستىدە.
ياشار ئىكەن چۈمۈلە،
شۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە.
كەپتەر يىراق يەرلەردىن،
توشۇپ كەلسە ئوزۇقنى.
چۈمۈلىمۇ باپلاركەن،
چېقىلغان ھەر بۇزۇقنى.
شۇنداق كۈننىڭ بىرىدە،
چۈمۈلە سۇ ئىچمەك بولۇپ،
كەپتۇ دەريا لېۋىگە،
ئۇسسۇزلۇققا قانماق بوپ.
دەل شۇ چاغدا بەڭباش سۇ،
قاش لېۋىگە ئۇرۇپتۇ.
چۈمۈلىنى مەيلىچە،
ئېقىتىپلا مېڭىپتۇ.
قانداق قىلسۇن چۈمۈلە،
گاھ چۆكۈپتۇ - لەيلەپتۇ.
ئېقىپ كەلگەن چىۋىققا،
چىقماپ بولۇپ پەملەپتۇ.
راست دېگەندەك ئاخىرى،
چىۋىققىمۇ يېتىپتۇ.
چىقىش بىلەن چىۋىققا،
ھوشىدىن ئۇ كېتىپتۇ.
نەق شۇ چاغدا ئاق كەپتەر،
كۆكتە ئۇچۇپ يۈرگەنىكەن.
چۈمۈلىنىڭ ھالىنى،
ئاللىبۇرۇن كۆرگەنىكەن.
قۇتقۇزماق بولۇپ دوستىنى،
سۇ يۈزىگە پەسلەپتۇ.
چۈمۈلە بار چىۋىقنى،
ناھايىتى تېز چىشلەپتۇ.
قۇتۇلۇپتۇ ئۆلۈمدىن،
شۇنىڭ بىلەن چۈمۈلە.
لېكىن شۇ چاغ كەپتەرنى،
كۈتەر ئىكەن دومىلە.
شۇ كۈنلەردە بىر ئوۋچى،
ئاق كەپتەرنى كۆرۈپتۇ.
تۇتۇش ئۈچۈن كەپتەرنى،
بىر قىلتاقنى قۇرۇپتۇ.
قىلتىقىنى چۆرىدەپ،
دانلارنىمۇ چېچىپتۇ.
نەق شۇ چاغدا كەپتەرنىڭ،
قورسىقىمۇ ئېچىپتۇ.
قورسىقى ئاچ ئاق كەپتەر،
شۇ دانلارنى كۆرۈپتۇ.
كۆرۈش بىلەن يېمەككە -
دانغا يېقىن بېرىپتۇ.
كۆرۈش بىلەن يېمەككە -
دانغا يېقىن بېرىپتۇ.
يېمەستىن ئۇ بىر داننى،
نەق قىلتاققا چۈشۈپتۇ.
ئاچكۆز ئوۋچى شۇ مەھەل،
ئاق كەپتەرنى تۇتۇپتۇ.
نەق بۇ چاغدا چۈمۈلە،
كۆرۈپ قاپتۇ كەپتەرنى.
چارە - ئامال ئىزدەپتۇ،
ھەيدىمەك بوپ خەتەرنى.
شۇ خىيالدا چۈمۈلە،
يامىشىپتۇ ئوۋچىغا.
بار كۈچىنى يىغىپتۇ،
نەشتىرىنىڭ ئۇچىغا
سانجىپتۇ ئۇ ئوۋچىنىڭ،
قولتۇقىغا نەشتەرنى.
مەقسىتىكەن ئۇنىڭكى،
قۇتۇلدۇرۇش كەپتەرنى.
ئوۋچى شۇندا چىدىماي،
قولنى ساپتۇ قولتۇققا؛
كەپتەرجاننى ئۇنتۇلۇپ،
چۈمۈلىنى تۇتماققا.
شۇ مىنۇتتا كەپتەرمۇ،
بوشىنىپتۇ ئوۋچىدىن.
ئامان قاپتۇ ئىككىسى،
بىرلىك - ئۆملۈك كۈچىدىن.