كۆرەڭ توخۇ
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆردەك بىلەن توخۇ دوست بوپتۇ ۋە ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى توخۇ ئۆردەكنىڭ مىس - مىسلىقىدىن زېرىكىپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ. بىر كۈنى ئۇ:
- دوستۇم ئۆردەكجان، ئىككىمىز شۇنداق ياخشى ئۆتۈۋاتىمىز، بىراق، قايسىمىزنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقى، كىمنىڭ كارامىتى چوڭلۇقىنى بىلگىنىمىز يوق، شۇڭا ئىككىمىز يۈگۈرۈشۈپ سىنىشىپ باقايلى، - دەپتۇ.
ئۆردەك توخۇنىڭ نىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ، لېكىن ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۇنىڭ شەرتىگە ماقۇل بوپتۇ.
ئۇلار يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاپتۇ.
ئۆردەكنىڭ بارغانسېرى كەينىدە قېلىۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولغان توخۇ مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكە باشلاپتۇ. ئۆردەك بولسا قەتئىي بوشاشماي يۈگۈرۈۋېرىپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي توخۇ دەرياغا دۇچ كېلىپ قاپتۇ - دە، ئۆتەلمەي ئۇيان - بۇيانغا پالاقلاشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئۆردەك يېتىپ كەپتۇ - دە، ئۆزىنى سۇغا ئېتىپتۇ، ئۇنى كۆرگەن توخۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سۇغا سەكرەپتۇ، لېكىن ئۈزەلمەي سۇغا چۆكۈشكە باشلاپتۇ. ئۆردەك پالاقلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسا، توخۇ جان تالىشىۋاتقانىكەن. ئۆردەك دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قىرغاققا ئاچىقىپتۇ. توخۇ ھوشىغا كەپتۇ ۋە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان ئۆردەك ئالدىدا ناھايىتى خىجىل بوپتۇ ۋە: ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كارامىتى بار ئىكەن... دېگەن ئويغا كەپتۇ.