قۇياش ۋە ئەينەك پارچىسى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
تاڭ سەھەردە قۇياش تاغ كەينىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزىنىڭ ئالتۇن نۇرىنى يەر يۈزىگە چاچقاندا، كۆل بويىدا ياتقان بىر قىزىل رەڭلىك ئەينەك پارچىسىدىمۇ گويا ياقۇتلارنىڭكىدەك قىزىل نۇرلار چاقناپ ئەتراپقا چېچىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ نۇرلار كۆلنىڭ ئەينەكتەك يۈزىدە ئەكىس ئېتىپتۇ. ئەينەك پارچىسى بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ قېن - قېنىغا پاتماي قاپتۇ. ئۇ: مەن نېمىدېگەن گۈزەل ھەم نۇرلۇق، - دەپ دەرھال پۈتۈن ئالەمگە ئۆزۈمنىڭ ئېسىللىقىمنى جاكار قىلىشىم كېرەك.
دەرۋەقە ئۇ تەنتەنە بىلەن ئۆزىنى ئالەمگە جاكارلاشقا باشلاپتۇ:
- مەن جاھاندا بىردىنبىر ئېسىل گۆھەرمەن. مەن ھەممىدىن نۇرلۇق، ھەممىدىن گۈزەل. مەن ئۆزۈمنىڭ نۇرى بىلەن ئالەمنى كېچە - كۈندۈز يورۇتىمەن. مەن پۈتۈن ئالەمنىڭ چىرىغى.
بۇنى ئاڭلىغان قۇياش ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماي مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ، يىللىق نۇرلىرىنى چېچىپ، كۆك ئاسماندا ئۆزىنىڭ يولىنى داۋام قىلدۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇپۇق سىزىقىنىڭ كەينىدىن ئۆز سارىيىغا كىرىپ كېتىشى بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن كېچە قارا تۈن كىيىپ كەپتۇ. ھەممە يەر ۋە كۆل بويىنىمۇ قاراڭغۇلۇق قاپلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ماختانچاق ئەينەك پارچىسىنىڭمۇ گۈزەل نۇرلىرى يوقاپ، ھەتتا ئۆزىمۇ كۆزگە چېلىقماس بولۇپ قاپتۇ. ئەينەك پارچىسى شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ئېسىل گۆھەر بولماستىن، ئاددىي ئەينەك پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى گۈزەل نۇرلاندۇرغان نۇرنىڭ قۇياش نۇرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۈنى ئۆچۈپتۇ.