UyghurWiki
UyghurWikiماسالبۆرە بىلەن مۈشۈك

بۆرە بىلەن مۈشۈك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ھەممە يەرنى قار قاپلىغان قىش پەسلى ئىدى. ئاچلىقتىن ئېچىرقاپ كەتكەن بىر بۆرە يېزىدىكى بىر قوتانغا كىرىپ، قوي قوزىسىنى تۇتۇپ يېمەكچى بولۇۋىدى، ئىتلار تۇيۇپ قېلىپ، تۇشمۇتۇشتىن قاۋاپ كېتىشتى. مەھەللىدىكى ئادەملەر ئۇيقۇلىرىدىن ئويغىنىپ، قىقاس - سۈرەن كۆتۈرگەن ھالدا، تەرەپ - تەرەپتىن چىقىپ، بۆرىنىڭ يولىنى توستى. بۆرە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: - تۈگەشتىم ئەمدى، - دېدى ئۆز - ئۆزىگە، - تېرەمنى تەتۈر سويىدىغان بولدى. شۇ ئەسنادا، چىتلانغان ھويلا ئىچىدە يۈرگەن بىر مۈشۈكنى كۆرۈپ يېلىندى: - مۈشۈك بۇرادەر، ماڭا ياردەم قىل، كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن يولۇمنى توسۇۋېلىشتى. - ئەخمەق، ئۇستامغا بېرىپ يالۋۇرغىن، ئۇ بەك ئوبدان ئادەم، - دېدى مۈشۈك. - بۇ يىل يازدا مەن ئۇنىڭ قويىنى يېۋالغانىدىم. ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا يۈزۈم چىدىمايدۇ. - ئەمىسە، ھەسەن تاغامنىڭ يېنىغا بارغىن. - بۇلتۇر يازدا ئۇنىڭ موزىيىنى يېۋالغانىدىم. - سېنىڭ بۇ قىلىقلىرىڭ زادىلا كۆڭلۈمگە ياقمايدۇ. ئۇنداقتا، سەن ساھىبجامال ئانىنىڭ يېنىغا بارغىن. ئۇ تولىمۇ ھىممەتلىك، رەھىمدىل ئايال. - ئۇنىڭمۇ يېنىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن، - دېدى بۆرە، - ئۆتكەن يىل ئۇنىڭ ئۆچكىسىنى يەپ، مۈڭگۈزلىرىنىلا قالدۇرۇپ قويۇۋىدىم. مۈشۈك بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: - شۇنداق ئىكەن، بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر. سەن بۇ مەھەللىدە ھەممەيلەننى قاقشىتىپسەن، ئەمدى ساڭا كىممۇ ياردەم قىلىدۇ!؟
← بارلىق تېمىلار ماسال
بۆرە بىلەن مۈشۈك | UyghurWiki | UyghurWiki