ئاي بىلەن قۇياش
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇرۇندا ئاي بىلەن قۇياش يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ناھايىتى ئىناق تۇرمۇش كەچۈرىدىكەنمىش.
بىر كۈنى، قۇياش مېھمان چاقىرىپتۇ. ئالەم ئەربابلىرىدىن مېركۇرىي، ۋېنېرا، يۇپىتېر، ساتۇرىن، ئۇران، يەرشارى، مارس، نېپتون ۋە پلۇتونلار مېھمان بولۇپ كېلىشىپتۇ. ئايمۇ يۇلتۇزلاردىن گۈل دەستە تىزىپ ئېلىپ بېرىپتۇ، ئۇ بىر كۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتۇ.
ئايلار ئۆتۈپ، كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايمۇ مېھمان چاقىرىپتۇ. بۇ كۈنى قۇياش ئايغا ھېچنېمە ئاپارماپتۇ، قۇرۇق قول كەلگەن قۇياشتىن ئاي خاپا بولۇپ قاپتۇ.
- ئاي دوستۇم، مېنى كەچۈر، مەن ئەسلى ساڭا بىر قۇر كىيىم تىككۈزۈپ ئەكەلمەكچىدىم، لېكىن سەن بىر كۈنى يۇمىلاق، بىر كۈنى يېرىمم، يەنە بىر كۈنى ئورغاق شەكلىدە بولۇپ، دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەنسەن، شۇڭا سەن ئۈچۈن قانداق كىيىم ئەكىلىشنى بىلمەك ئەكىلەلمىدىم، - دەپ كەچۈرۈم سوراپتۇ قۇياش ئاينىڭ خاپا چىرايىنى كۆرۈپ، ئەمما ئاي بۇ ئىشنى بەك ھار ئېلىپ، قۇياشنى ئۆيىدىن قوغلاپتۇ. قۇياش شۇنچە ئۆزرە ئېيتسىمۇ، ئاي زادىلا ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چىن دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلماپتۇ.
ئاينىڭ مۇنداق تەرسالىقىغا ئاچچىقى كەلگەن قۇياش ئاينىڭ يۈزىگە قىزىق قوقاسنى چېچىۋېتىپ قېچىپ كېتىپتۇ.
ئاي ئۆز يۈزىنىڭ داغ بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قۇياشنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. قوغلا - قوغلا ئۇلار ھازىرغىچە بىر - بىرىنى قوغلىشىپ يۈرەرمىش.