UyghurWiki
UyghurWikiماسالقارلىغاچ بىلەن يىلان

قارلىغاچ بىلەن يىلان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇنقى زاماندا قارلىغاچ بىلەن يىلان تۇغقانكەن. قارلىغاچ يىلاننى تاغا دېسە، يىلان قارلىغاچنى سىڭلىم دەيدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يىلاننى بىر ئادەم چاناپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن بىر قارلىغاچنىڭ ئۇنىڭغا بەك ئىچى ئاغرىپتۇ - دە، دەرھال دەرياغا ئۇچۇپ بېرىپ، سېغىز لاي ئەكىلىپ يىلاننى ئۇلاپتۇ، ئاندىن يەنە سۇ ئەكىلىپ ئۇلىغان يېرىگە سېپىپ داۋالاپتۇ. يىلان ساقىيىپتۇ. - سىڭلىم، - دەپتۇ يىلان قارلىغاچقا، - مېنى قۇتۇلدۇرغان ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىڭىزگە قاراپ بېرەي. - رەھمەت سىزگە، - دەپتۇ قارلىغاچ، - بۇ بەك ئوبدان گەپ بولدى، مەن سىرتقا چىققاندا ئۆيدىكى ئۈچ بالامدىن خەۋەر ئېلىپ قويسىڭىز، تولىمۇ خاتىرجەم بولغان بولاتتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ قارلىغاچ يەنە بىر قارلىغاچنىڭ ھەمكارلىقىدا، يىلاننى تۇمشۇقىدا كۆتۈرۈشۈپ ئۇۋىسىغا ئاچىقىپتۇ ۋە بالىلىرىغا: - ئوماق بالىلىرىم، مانا بۇ تاغاڭلار سىلەرگە قارايدىغان بولدى، - دەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قارلىغاچ بالىلىرىغا يەم ئىزدەپ چىقىپ كەتكەندە، يىلان نىيىتىنى بۇزۇپتۇ - دە، قارلىغاچنىڭ ئۈچ بالىسىنى بىراقلا يەۋاپتۇ، ئاندىن يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن قارلىغاچ بالىلىرىغا دان ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ. ئۇۋىسىغا قارىسا، بالىلىرىنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. قارلىغاچ يىلاننى ئويغىتىپ: - تاغا، بالىلىرىم قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ. - باياتىن كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ، كۆرمىدىم، - دەپتۇ يىلان. قارلىغاچ سىرتنى ئايلىنىپ چىقىپتۇ، توۋلاپتۇ، لېكىن ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. ئاخىر ئۈمىدسىزلىنىپ ئۇۋىسىغا قايتىپ كېلىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا يىلان ئىچ ئاغرىتقان بولۇپ: - سىڭلىم، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، بۇنىڭدىن كېيىن بالا چىقارسىڭىز چوقۇم ياخشى قاراپ بېرىمەن، - دەپتۇ. قارلىغاچ يىلاننىڭ گېپىنى ئاڭلاۋېتىپ سىنچىلاپ قارىسا، يىلاننىڭ ئاغزىدا بىر تال پەي تۇرغان، قورسىقى تومپىيىپ قالغان... شۇنىڭ بىلەن قارلىغاچ يىلاندىن گۇمانلىنىپتۇ ۋە دەرھال: - يارىڭىزغا دورا سۈركەشنى ئۇنتۇپ قاپتۇمەن، مەن بېرىپ دورا ئەكىلەي، - دېگىنىچە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئۇ تاغقا بېرىپ تىرناقلىرىنى تاشقا بىلەن راسا ئۆتكۈر قىپتۇ، ئاندىن بىرلا پەرۋاز قىلغىنىچە، ئۇۋىسىغا قايتىپ كەپتۇ - دە، يىلانغا قاراپ: - تاغا، يارىڭىزغا دورا سۇۋاپ قوياي، كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ، - دەپتۇ. يىلان كۆزىنى يۇمۇشىغىلا، قارلىغاچ ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن يىلاننىڭ قورسىقىنى بىر تىلىپلا يېرىۋېتىپتۇ، قارلىغاچنىڭ بالىلىرى يىلاننىڭ قورسىقىدىن چىقىپتۇ. بۇ چاغدا بىر جۈپ قارلىغاچ تۇمشۇقىدا ئېغىر يارىلانغان يىلاننى ھاۋانىڭ قەرھرىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ يەرگە تاشلىغانىكەن، يىلاننى تېنى مەلەق - مەلەق بولۇپ ئۆلۈپتۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، شۇنىڭدىن تارتىپ قارلىغاچ يىلانغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتكەن، ھەتتا يىلان يىللىق ئادەمنىڭ ئۆيىدىمۇ چاڭگا تىزىپ ئۇۋىلىمايدىكەن. بۇ مەسەلنىڭ ساۋىقى شۇكى، يىلاندەك زەھەر قېپى يامان ئادەم ھامان ئەدىبىنى يەيدۇ. يىلاندەك بۇزۇق ئادەمگە ھەرگىز رەھىمدىللىك قىلىشقا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال