UyghurWiki
UyghurWikiماسالئەينەك

ئەينەك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى شىر پادىشاھنىڭ چىراي - تۇرقى بەكمۇ بەتبەشرە ئىكەن، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ سەتلىكىگە ئىشەنمەي، گۇناھىنى ئەينەككىلا قويىدىكەن. ئاخىر بولماي، ئۇ ئەينەكنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن بىرنى تېپىپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. نۇرغۇن ھايۋانلار مۇكاپات ئالىمىز دەپ، ئۆزلىرى ئىشلىگەن ياخشى ئەينەكلەرنى شىرغا سوۋغا قىپتۇ، بىراق ئەينەكنىڭ ياخشىلىرى شىرنىڭ سەت، قورقۇنچلۇق تەلەتىنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىپتۇ. شىرنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، ئەينەك سوۋغا قىلغان ھايۋانلارنى قويماي چىشلەپ ئۆلتۈرۈپتۇ. تۈلكە شىرنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ناھايىتى خۇش چىراي بىر رەسىمنى سىزىپتۇ - دە، ئۇنى ئەينەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرۇپ، شىرغا تەقدىم قىپتۇ. شىر ئەينەكنى ئېلىپ قارىغانىكەن، ئۇنىڭدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان گۈزەل بىر يۈزنى كۆرۈپ خۇشاللىقىنى باسالماي: >ئەينەكنىڭ ياخشىسى دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ!< - دەپتۇ ۋە تۈلكىگە كۆپلەپ ئىنئام بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال