UyghurWiki
UyghurWikiماسالشەپەرەڭنىڭ سەرگۈزەشتىسى

شەپەرەڭنىڭ سەرگۈزەشتىسى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇنقى زاماندا، بىر ئورمانلىقتا بىر توپ ھايۋانلار بىلەن بىر توپ قۇشلار ياشايدىكەن. شەپەرەڭ بولسا ھايۋانلارغىمۇ، قوشلارغىمۇ قوشۇلماي يالغۇز ياشايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھايۋانلار بىلەن قۇشلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بوپتۇ. شەپەرەڭ ياكى ھايۋانلات تەرەپتە تۇرۇشنى، ياكى قۇشلار تەرەپتە تۇرۇشنى بىلەلمەي، جەڭگە قاتناشماپتۇ، چۈنكى، ئۇ ھايۋانلار تەرەپتە تۇراي دېسە، قانىتى بار بولۇپ ئۇچالايدىكەن، قۇشلار تەرەپتە تۇراي دېسە، چىشى بار بولۇپ، نەرسىلەرنى چايناپ يەيدىكەن. شەپەرەڭ قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشى تازا قېتىپتۇ، ئويلا - ئويلا ئاخىر ئەپچىل بىر چارە تېپىپتۇ، ئەگەر قۇشلار غەلىبە قىلىشقا يۈزلەنسە، ھايۋانلارغا قوشۇلۇشنى ئويلاپتۇ - دە، جەڭ بولۇۋاتقان يەرنىڭ سەل نېرىسىدا تۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈپتۇ. ئۇ قۇشلارنىڭ ھايۋانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ - دە، جەڭ مەيدانىغا قاراپ ئۇچۇپتۇ، بېرىپ قۇشلار ئارىسىغا قوشۇلۇپتۇ. ئارىدىن بىر قۇش شەپەرەڭدىن: - سەن بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - سەن مېنىڭ قانىتىم بارلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ مەنمۇ سىلەرنىڭ جەمەتىڭلاردىن، - دەپتۇ شەپەرەڭ دەرھال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. - ئۇنداق بولسا، سەنمۇ بىز بىلەن جەڭ قىل، - دەپتۇ ھېلىقى قۇش. كۈنلەر، ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ، ئەمما جەڭ يەنىلا توختىماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەھۋال بىردىنلا ئۆزگىرىپتۇ، شەپەرەڭ ھايۋانلارنىڭ قۇشلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال قۇشلار توپىدىن ئايرىلىپ ھايۋانلار تەرەپكە ئۆتۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن بىر ھايۋان شەپەرەڭدىن: - سەن بۇ يەرگە نېمىدەپ كەلدىڭ؟ بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى كۆزەتمەكچىمۇسەن؟! - دەپ ھەيۋە بىلەن سوراپتۇ. بۇ ھايۋاننىڭ سۆزىدىن چۆچۈگەن شەپەرەڭ مۇلايىم قىياپەتتە: - سەن مېنىڭ چىشىم بارلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ مەنمۇ سىلەرنىڭ جەمەتىڭلاردىن بىرىغۇ! - دەپتۇ. ھايۋان بۇنى ئاڭلاپ تازا ئاچچىقى كەپتۇ - دە: - سەن كىمنى ئەخمەق قىلىسەن، بىز بايىلا سېنى جەڭ مەيدانىدا قۇشلار ئارىسىدا كۆرگەنىدۇققۇ، - دەپ ۋارقىراپ شەپەرەڭنى قوغلىۋېتىپتۇ. ئۇ قۇشلارنىڭ يېنىغا بارغانىكەن، قۇشلارمۇ ھەيدىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شەپەرەڭ ئۆزى يالغۇز ياشايدىغان بوپتۇ. كۈن، ئايلار ئۆتۈپ ھايۋانلار بىلەن قۇشلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ توختاپ، بارا - بارا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق شەكىللىنىپتۇ، ئەمما ئۇلار شەپەرەڭنى ئارىغا ئالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەپەرەڭ كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىشتىن قورقۇپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال