UyghurWiki
UyghurWikiماسالھاكاۋۇر توشقان

ھاكاۋۇر توشقان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى بىر تۈلكە ئوزۇق ئىزدەپ يۈرۈپ، ئوتلاقتا ئويناۋاتقان توشقاننى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، >خۇدا يەتكۈزگەن ئولجا!< دېگىنىچە ھىجىيىپ، شۆلگەيلىرىنى ئاقتۇرۇپ، ئاستا توشقانغا يېقىنلاپ كەپتۇ. تۈلكىنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن توشقان، تۈلكە يېقىنلاپ كېلىشىگىلا: مەن ئەقىللىق يۈگۈرۈكمەن، تۇتالمايسەن تۈلكىباي. قۇرۇق ئاۋارە بولىسەن، بولدى قىلغىن قوغلىماي. دەپتۇ - دە، قېچىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. تۈلكە، توشقاننىڭ ئۆزىنى ئەخمەق قىلىپ قېچىپ كەتكىنىگە قورسىقى كۆپۈپ: خەپ توختاپ تۇر، شۇنداق كۆرەڭلىگىنىڭگە ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام، تۈلكە دېگەن ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن، - دېگىنىچە كۆڭلىگە بىر ھىيلىنى پۈكۈپ قايتىپ كېتىپتۇ. تۈلكە ئەتىسىدىن باشلاپ ئەپلىك بىر جايغا يوشۇرۇنۇپ، توشقاننىڭ ھەر كۈنى چۆپلىرى يۇمران، گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدىغان بىر جايغا كېلىپ چۆپ يەپ، ئويناپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاپتۇ - دە، ئىككىنچى كۈنى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى، توشقان كۈندە كېلىدىغان جايغا كېلىپ چۆپلىرى ئېگىز ھەم قويۇق بىر يەرگە يوشۇرۇنۇپتۇ. تاڭ يورۇپ ئانچە ئۆتمەيلا توشقان يىراقتىن: مەن چېچەنمەن، شۇم تۈلكە، كەلسە ئەگەر تۇتماق بوپ؛ قېچىپ كەتسەم ئازدۇرۇپ، كېتىپ قالار ئەخمەق بوپ. دەپ ناخشا ئېيتقىنىچە تۈلكە يوشۇرۇنۇپ ياتقان يەرگە كېلىپ، شەبنەم تامچىلىرىدا يۇيۇنغان يۇمران چۆپلەرنىڭ ئۇچىنى يەپ يۈرۈپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇ تۈلكىنىڭ ئالدىدىكى بىر تال چۆپكە بويۇن سوزۇشى بىلەن تەڭ، مەككار تۈلكە چۆپنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپلا توشقاننى تۇتۇۋاپتۇ. توشقان ئۆز - ئۆزىگە: ئاھ، كۆرەڭلىكىم، بىخۇدلۇقۇم بېشىمغا چىقتى، دەپ زارلىنىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ھاكاۋۇر توشقان | UyghurWiki | UyghurWiki