UyghurWiki
UyghurWikiماسالئىت بىلەن مۈشۈك

ئىت بىلەن مۈشۈك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇن مۈشۈك موزدوز ئىكەن. ئۇ دائىم: >ئۆتۈك تىكىپ بېرىمەن< دەپ باشقىلاردىن پۇل ئالىدىكەن - دە، ئۆتۈكنى تىكمەستىن، پۇلىنى خەجلەپ، كەيپ - ساپا سۈرۈپ يۈرۈيدىكەن. پۇلنىڭ ئىگىلىرى ئۆتۈكنى سوراپ كەلسە، >ئەتە پۈتىدۇ، ئۆگۈن پۈتىدۇ< دەپ ئەتىسى تۈگىمەيدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئىتقا ئۇچرىشىپ قاپتۇ - دە، كۆيۈنگەن قىياپەتتە: - ۋاي ئىسىت دوستۇم، ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، سەن تېخىچە يالىڭاچ يۈرۈپسىنا! بۇ بولماپتۇ، مەن ساڭا ئۆتۈپ تىكىپ بېرەي جۇمۇ! - دەپتۇ. بۇ تەكلىپ ئىتقا ناھايىتى يېقىپتۇ. ئۇمۇ ئۇزۇندىن بېرى بىر ئۆتۈك ئېلىش ئۈچۈن پۇل يىغىپ يۈرگەنىكەن. - ناھايىتى ياخشى بولدى، پۇلنى ھازىرلا تۆلىۋېتەي، ئوبدانراق تىكىپ بەرسەڭ، - دەپتۇ ئىت. - ۋاي ئاداش، مەن تىككەن ئۆتۈكنىڭ ئوسال چىققىنىنى كىم كۆرۈپتۇ، ساڭا تېخىمۇ ئوبدان تىكىمەن دېگىنە. بىر ھەپتىدىلا پۈتىدۇ، - دەپتۇ مۈشۈك. ئىت پۇلنى مۈشۈككە بېرىپتۇ - دە، ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. مۈشۈك بولسا ئۇدۇل بازارغا بېرىپ، ئىتنىڭ پۇلىغا كۆزىگە نېمە چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى ئېلىپ يەپ - ئىچىپتۇ. ئىت بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆتۈكنى ئالغىلى مۈشۈكنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. مۈشۈك چالا مەست بولۇپ ئۇخلاۋاتقانىكەن. ئىت ئۇنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا مۈشۈك ئويغىنىپ ئىتنى كۆرۈپتۇ - دە، ناھايىتى خىجىل بولغان قىياپەتتە: - ۋاي ئاداش، بۇ ھەپتە ناھايىتى جىددىي ئىش چىقىپ قېلىپ ئۆتۈكنى تىكەلمىدىم، خاپا بولمىساڭ، كېلەر ھەپتىدە پۈتتۈرۈپ بەرسەم، - دەپتۇ. ئىت ماقۇل بولۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ ئىت يەنە كەپتۇ. مۈشۈك تېخىمۇ خىجىل بولغان قىياپەتتە، يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىشنى دەپتۇ. شۇ يوسۇندا نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كېتىپتۇ، لېكىن ئۆتۈك تىكىلمەپتۇ، ئىتمۇ زېرىكمەي كېلىۋېرىپتۇ. مۈشۈكنىڭ >يەنە بىر ھەپتە< سى تۈگىمەپتۇ. ئارىدىن بىر قىش ئۆتۈپ، يەنە بىر قىش كەپتۇ. مۈشۈك تېخىچە ئىتنىڭ ئۆتۈكىنى تىكىپ بەرمەپتۇ. ئاخىر ئىتنىڭ تاقىتى قالماپتۇ - دە، مۈشۈكنىڭ شىللىسىدىن قاماپلا: - ياكى پۇلنى بەر، ياكى ئۆتۈكنى! - دەپ بوغۇشقا باشلاپتۇ. مۈشۈكنىڭ پۇتلىرىدا جان قالماپتۇ. ئۇ ئىتقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ئالداشقا باشلاپتۇ. - ۋاي ئاداش، مانا ھازىر تىكىمەن، كېچىچە پۈتىدۇ، - دەپتۇ - دە، >پۈپ - پۈپ< دەپ يىپ سىيرىشقا باشلاپتۇ. ئىت ئەتىسى ئۆتۈكنى ئالغىلى كەلسە، مۈشۈك ئۆيدە يوق ئىكەن. ئىت ئۇنى ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇنىڭدىن بۇيان مۈشۈك ئىتنىڭ قارىسىنى كۆرسە بەدەر قاچىدىكەن. ئىت بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغۇدەك بولسا، >پۈپ - پۈپ< قىلىپ يىپ سىيرىپ، ئۆتۈك تىكىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ئىت بىلەن مۈشۈك | UyghurWiki | UyghurWiki