دېھقان بىلەن چىلبۆرە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كۈنى، بىر دېھقان بازارغا بېرىپ تەرخەمەكلىرىنى سېتىپ بولۇپ، ئۈچ پارچە گۆش سېتىۋاپتۇ - دە، سېۋەت ۋە تارازىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا خۇشال ئۆيىگە قايتىپتۇ.
دېھقاننىڭ ئۆيى بىلەن بازارنىڭ ئارىلىقى بەش - ئالتە چاقىرىم كېلىدىكەن. دېھقان يېرىم يولغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بىر بۆرىنىڭ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، تىلىنى ساڭگىلاتقان پېتى خۇددى ئادەم يەيدىغان قىياپەتتە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، ئالدىراپ - تېنەپ گۆشنىڭ بىر پارچىسىنى تاشلاپ بېرىپتۇ.
بۆرە گۆشنى كاپ قىلىپ چىشلەپ، بىر يالماپلا يۇتۇۋېتىپتۇ، بىراق گۆشنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز يولىغا كېتىۋەرمەي، دېھقانغا تېخىمۇ قاتتىق تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.
دېھقان بىر ئاز قورقۇپ، دەرھال يەنە بىر پارچە گۆشنى تاشلاپ بېرىپتۇ. بۆرە بۇ گۆشنىمۇ كاپ قىلىپ يالماپ يۇتۇۋېتىپ، يەنىلا دېھقانغا تىكىلىپ قاراپتۇ.
دېھقان كۆڭلىدە: قولۇمدا بىر پارچىلا گۆش قالدى. بۇ گۆشنىمۇ تاشلاپ بەرسەم بۆرە يەۋېلىپ، كەتمەي تۇرۇۋالسا قانداق قىلارمەن. دەپ ئويلاپتۇ ۋە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئەتراپقا نەزەر ساپتۇ.
- توغرا، ئامال تېپىلدى، - دەپتۇ دېھقان يېقىندا تۇرغان بىر تۈپ دەرەخنى كۆرۈپ ئۆز - ئۆزىگە، شۇنىڭ بىلەن دېھقان دەرەخ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپتۇ - دە، سېۋەتنى دەرەخنىڭ تۈۋىدە قويۇپ، ئۆزى ناھايىتى تېزلىك بىلەن دەرەخكە چىقىۋاپتۇ. ئۇ ئاخىرقى گۆشنى تارازىنىڭ ئىلمىكىگە ئۆتكۈزۈپ، دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىدىن پەسكە ساڭگىلىتىپ، پۇلاڭشىتىپتۇ.
بۆرە تارازا ئىلمىكىدىكى ساڭگىلاپ تۇرغان گۆشنى كۆرۈپ ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىپ، تۇرالماق قاپتۇ - دە، يۈگۈرۈپ دەرەخ ئاستىغا كېلىپ، ئېسىقلىق گۆشكە جېنىنڭ بارىچە ئېتىلىپتۇ. ئۇ گۆشنى يېۋېتىپ چىرقىراپ كېتىپتۇ، ئاغزىدىن قان ئېقىشقا باشلاپتۇ. ئەسلىدە، تارازىنىڭ ئىلمىكى بۆرىنىڭ ئاغزىنى ئىلىۋالغانىكەن. بۆرە ھەر قانچە قىپمۇ قاچالماپتۇ. ئاڭغىچە، دېھقان دەرەختىن چۈشۈپ، ئەپكىشى بىلەن بۆرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ.