UyghurWiki
UyghurWikiماساليولۇچى بىلەن ئېيىق

يولۇچى بىلەن ئېيىق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قىيىن ۋاقىتلاردا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشكە ۋەدىلەشكەن ئىككى ئاغىنە سەپەردە كېتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر ئېيىق پەيدا بوپتۇ. ئۇنى كۆرگەن بىرى دەرھال دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ مۆكۈۋاپتۇ، يەنە بىرەيلەن بولسا دەرەخكە چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي، يەردە ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋاپتۇ. ئېيىق بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇرنىنى تەگكۈزۈپ پۇرىغىلى تۇرغانىكەن، ئۇ ئادەم چىداشلىق بېرىپ دېمىنى چىقارماي يېتىۋېرىپتۇ )ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېيىق ئۆلۈككە چېقىلمايدىكەن(. ئېيىق ئۇنى ئۆلۈك بىلىپ كەتكەندىن كېيىن، دەرەخ ئۈستىدىكى ئادەم پەسكە چۈشۈپ، ھەمراھىدىن: >ئېيىق ساڭا نېمىلەرنى دېدى< دەپ سورىغانىكەن، يەردە يېتىۋالغىنى: >ئېيىق ماڭا، بۇنىڭدىن كېيىن خەتەرگە ئۇچرىغاندا تاشلاپ قاچىدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولما دېدى< دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال