UyghurWiki
UyghurWikiماسالپاقا بىلەن چاشقان

پاقا بىلەن چاشقان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كۈز يېقىنلاپ قالغاندا، ھەممە جانلىقلار ئوزۇق توپلاشنىڭ غېمىدە ئالدىراشقىلى تۇردى. بىر قېرى چاشقان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ خاماندا ئاشلىق ئوغرىلىماقتا ئىدى. پاقا كۈندىلىك ئادىتى بويىچە چىۋىن قوغلاپ يۈرەتتى. بۇنى كۆرگەن قېرى چاشقان پاقىنى مەنسىتمىگەن ھالدا: - ئەي ئەخمەق! قانىتى بار نەرسىنى قوغلاپ ئاۋارە بولغۇچە، مېنىڭ ھۈنىرىمنى ئۆگەنسەڭ بولمامدۇ! - دەپتۇ. - ياق، - دەپتۇ پاقا چاشقانغا جاۋاب بېرىپ، - جاپالىق ئەمگەك قىلىپ تاپقان ئوزۇق مەززىلىك بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھېچكىمدىن قورقماي خاتىرجەم ياشايمەن. سەن ھەر قانچە باي بولساڭمۇ، قورقۇنچاق، دەككە - دۈككە ئىچىدە ياشايسەن! بۇ گەپنى ئاڭلىغان چاشقان پەرۋاسىزلىق بىلەن خاماندا كېتىۋاتقاندا، مۈشۈككە تۇتۇلۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال