رەسىم ۋە ئەينەك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، بىر رەسسام ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق ئاجايىپ چىرايلىق بىر مەنزىرە رەسىمى سىزىپتۇ. رەسسام بۇ رەسىمنى بىر ئەينەككە روبىرو قىلىپ قارىتىپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئەينەككە قاراپلا ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ تاماشا قىلالايدىغان بوپتۇ. ئۇ: >ئەينەكتىن بۇ رەسىمگە قارىغاندا، ئارىلىق بىر ھەسسە ئۇزىرايدۇ - دە، رەڭ بوياقلىرى تەبىئىي، رەسىم كۆرۈنۈشى ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ جانلىق كۆرۈنىدۇ< دەيدىكەن.
ئورمان پادىشاھلىقىنىڭ پۇقرالىرى ئۆز مۈشۈكىدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، قىزغىن غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ. ئۇلار بۇ خەۋەرنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆي مۆشۈكىدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سوراپتۇ.
ئالدى بىلەن ھايۋانلار نېمىنىڭ رەسىم ئىكەنلىكىنى ئۇقۇۋالماقچى بوپتۇ.
- ئۇ ئىنتايىن ئادەتتىكى بىر نەرسە، - دەپتۇ ئۆي مۈشۈكى چۈشەندۈرۈپ، - بىراق، ئۇ بەكلا ئاجايىپ نەرسە، كارامەت سىرلىق نەرسە. ۋاي - ۋۇي! شۇنداق چىرايلىق رەسىم دەڭلا!
ھايۋانلار ئەقلىدىن ئاداشقۇدەك دەرىجىدە خۇشال بولۇشۇپ:
- ھەر قانچە زور بەدەل تۆلىسەكمۇ، بىر كۆرىمىز، - دەپ قەسەم قىلىشىپتۇ.
ئىتئېيىق مۇنداق بىر سوئال سوراپتۇ:
- رەسىمنى شۇنچە چىرايلىقلاشتۇرۇۋەتكەن قانداق نەرسە ئىكەن ئۇ؟
- ئۇ رەسىمنىڭ شەكلى قەۋەتلا چىرايلىق، - دەپتۇ ئۆي مۈشۈكى.
- ئەينەك دېگەن نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ ئۆكۈز.
- ئەينەك، تامدىكى بىر چوڭ تۆشۈك، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۆي مۈشۈكى، - سەن ئۇنىڭدىن ئىچ تەرەپكە قارىساڭلا ھېلىقى رەسىمنى كۆرەلەيسەن، ئۇ شۇ قەدەر ئوماق، شۇ قەدەر نازۇك، شۇ قەدەر نەپىس رەسىم بولۇپ، قەلبىڭنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ.
ئورمان پۇقرالىرى ئىچىدە دۆت لەقەملىك بىر ئېشەك بار بولۇپ، ئۇ گەپكە ئارىلاشماي تۇرغانىكەن، ئۇ مۈشۈكنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىر ئاز گۇمانلىنىپ قاپتۇ.
- ئەزەلدىن بىرەر پارچە رەسىم سەن تەسۋىرلىگەنچىلىك چىرايلىق بولۇپ باقمىغان، - دەپتۇ ئېشەك،
- سەن گېپىنى قىلىۋاتقان رەسىممۇ ئۇنچىۋالا چىرايلىق بولمىسا كېرەك، ئەتىمالىم. بىر نەرسىنىڭ گۈزەللىكى، مۇبادا ھەم ئۇزۇن، ھەم دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغان بولسا، گۇمانلىنىشقا بەكمۇ ئەرزىيدۇ.
ئېشەكنىڭ سۆزى ھايۋانلار ئىچىدە قالتىس زور ئەكىس تەسىر قوزغاپتۇ، ئۆي مۆشۈكى قاتتىق رەنجىگەن ھالدا خوشمۇ دېمەي كېتىپ قاپتۇ.
خېلى كۈنلەرگىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى قايتا ئېغىزغا ئالماپتۇ، لېكىن ھايۋانلارنىڭ قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىپتۇ. كۆپچىلىك ئېشەكنى ئەيىبلەپ:
- سەن قىلچە ئاساسسىز ھالدا رەسىمنىڭ چىرايلىقلىقىغا شەك كەلتۈردىڭ. بىزنى رەسىمنى كۆرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ قويدۇڭ، - دەپتۇ.
ئېشەك ئازراقمۇ ئاچچىقلانماي، ئىسپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۆزى بېرىپ، ھېلىقى >تۆشۈك< تە زادى نېمە بارلىقىنى كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
ھايۋانلار: >بۇ چارە بولىدىكەن< دېيىشىپتۇ. ھەممەيلەن ئىنتايىن خاتىرجەم بولۇشۇپ، ئېشەككە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشۈپتۇ، لېكىن ئېشەك ئۆزىنىڭ ئەينەكنىڭ قايسى تەرىپىدە تۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي، بىر خاتالىق سادىر قىپتۇ: ئۇ ئەينەك بىلەن رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قاپتۇ - دە، رەسىم توسۇلۇپ قېلىپ، كۆرگىلى بولماي قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېشەك ئورمانلىققا كېلىپ، كۆپچىلىككە:
- ئۆي مۈشۈكى يالغان سۆزلەپتۇ. ئۇ تۆشۈكنىڭ ئىچىدە بىر ئېشەكتىن باشقا، ھېچنېمە يوق ئىكەن. كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىسام، ئىچىدە پەقەت چىرايلىق، ساغلام بىر ئېشەك بار ئىكەن، - دەپ جاكارلاپتۇ.
- سەن راۋرۇس كۆردۈڭمۇ؟ ئېنىق كۆردۈڭمۇ؟ سەن يېقىن تۇرغانمىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ پىل.
- ئەي پىل ئالىيلىرى، سىز ھايۋانلارنىڭ شاھىسىز، مەن ھەم توغرا، ھەم ئېنىق كۆردۈم. مەن شۇنچىلىك يېقىن تۇردۇمكى، ھەتتا بۇرنۇم ھېلىقى تۆشۈككە تېگىپ كەتتى.
- بۇنداق بولسا غەلىتە ئىش، - دەپتۇ پىل، - بىزگە مەلۇمكى، ئۆي مۈشۈكى ئىلگىرى يالغان ئېيتىپ باقمىغانىدى. يەنە بىرەيلەننى ئەۋەتىپ سىناپ كۆرەيلى، ئىتئېيىق، سەن بېرىپ ئۇ تۆشۈككە قاراپ بېقىپ كەل.
ئىتئېيىق بۇيرۇققا بىنائەن يولغا چىقىپتۇ.ئۇ قايتىپ كېلىپ:
- ئۆي مۈشۈكى بىلەن ئېشەكنىڭ ھەر ئىككىسىلا پو ئېتىپتۇ. تۆشۈكتە پەقەت بىر ئىتئېيىقلا بار ئىكەن، - دەپتۇ كۆپچىلىككە.
ھايۋانلار ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇشۇپ، گاڭگىراپ قېلىشىپتۇ. ھەر كىمنىڭ ئۆزى بېرىپ كۆرۈپ باققۇسى كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىمدا بىرەيلەن بېرىپ كۆرۈپ كەپتۇ.
ئاۋۋال ئۆكۈز بېرىپتۇ، ئۇ ئەينەكتە بىر ئۆكۈزدىن باشقا، ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەپتۇ.
يولۋاس بېرىپ، ئەينەكتە پەقەت بىر يولۋاسنىڭلا بارلىقىنى كۆرۈپتۇ.
تۆگە بېرىپ، بىر تۆگىنىلا كۆرۈپتۇ.
شىر بېرىپ، بىر شىرنىلا كۆرۈپتۇ.
يىلپىز بېرىپ، ئەينەك ئىچىدە پەقەت بىر يىلپىزنىڭلا بارلىقىنى كۆرۈپتۇ.
قاتتىق غەزەپلەنگەن پىل، ئۆزى بارىدىغان بولسا، چوقۇم ئېنىقلاپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، ئورمان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدامچى دەپ قاتتىق سۆكۈپتۇ، ھەممەيلەن ئۆي مۈشۈكىنى تىللىشىپتۇ.
- ئېغىر دەرىجىدىكى يېقىننى كۆرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر قانداق پۇقرا ھېلىقى تۆشۈك ئىچىدە بىر پىل بارلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرەلەيدۇ، - دەپ جاكارلاپتۇ پىل.
ئۆي مۈشۈكى بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مۇنداق بىر قائىدىنى بىلىۋاپتۇ: ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتا، ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئويلانماي، ئەكسىچە، شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ ھۆكۈمى ئاساس قىلىنىدىغان بولسا، ئۇ ئىش ئىشلىگەنسېرى چاتاقلىشىپ كېتىدۇ.
سىز قۇلىقىڭىزنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن قۇلىقىڭىز ھامان سىزنىڭ بېشىڭىزدا تۇرۇۋېرىدۇ.