UyghurWiki
UyghurWikiماسالئاسمان جىسىملىرى

ئاسمان جىسىملىرى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا يەر شارى، كۈن، ئاي، ساتۇرن، يۇپىتېر، ۋېنېرا ۋە مارسلارنىڭ بىرەرى ئىش بولسا بىر يەرگە جەم بولۇپ مەسلىھەتلىشىدىغان ئادىتى بار ئىكەن. ئۇلار دائىم يورۇقلۇق، قاراڭغۇلۇق، ھاۋا قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشىدىكەن. بۇ ئاسمان جىسىملىرى ھەر قېتىم بىر يەرگە جەم بولغاندا، مېركۇرىينىڭ كۆڭلى ھەمىشە خاپىچىلىقتا ئۆتىدىكەن. ئۇ يەنە قەدىمى يەتكەنلا جايدا پىتنە - ئىغۋا توقۇپ، يوقىلاڭ ئۆسەك گەپلەرنى تارقىتىدىكەن. ئۇ شامالغا: - يەر شارى كۈننى كۆزگە ئىلمايدۇ؛ ئاي ساتۇرندەك يورۇق ئەمەس؛ ئەگەر كېلەر قېتىم يەنە مەجلىس ئېچىلىپ قالسا، مارس بىلەن يۇپىتېر ئۇرۇشۇپ قالىدۇ؛ بۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئاسمان جىسىملىرى ۋېنېرادىنمۇ بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. كۆڭۈلگە ئازار بېرىدىغان بۇ ئېغىۋالار، گۈركىرەپ چىقىۋاتقان شامالدا پۈتۈن ئالەمگە تارقىلىپ كېتىپتۇ. شۇنداقلا شامالنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىشى بىلەنلا بۇ پىتنە - ئىغۋا گەپلەر يەنە تارقىلىپتۇ. مېركۇرىي ئارقىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق، قالايمىقانچىلىق قىلغانلىقتىن، كۈنلەرنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا گۇمانخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، قىزغىنىش، ئاغرىنىش پەيدا بولۇۋېرىپ، بىر - بىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. مانا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاسمان جىسىملىرى قايتا بىر يەرگە جەم بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئاسمان بوشلۇقىدىكى پايدىلىق مەسلىھەتلەرمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ئاسمان جىسىملىرى | UyghurWiki | UyghurWiki