ھەسەتخور
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇرۇن بىر يېزىدا چويلا، سېۋەت توقۇپ ساتىدىغان ئاۋۇت ۋە داۋۇت ئىسىملىك ئىككى ئادەم بار ئىكەن. ئۇلار باھار كېلىپ چوكانتاللار يېشىلگەندىن باشلاپلا چويلا، سېۋەتلەرنى توقۇپ، بازارغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن.
ئاۋۇت ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ پۇختا، ھالال ئىشلەيدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ توقۇپ چىققان چويلا، سېۋەتلىرى پۇختا، سۈپەتلىك بولغاچقا، بازارغا كىرىپ بولغۇچە يولدىلا سېتىلىپ بولىدىكەن. داۋۇت ساختىپەز، قۇۋراق بولغاچقا،م ئشىنى قول ئۇچىدىلا كۆز بويامچىلىق بىلەن ئىشلەيدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ توقۇپ چىققان چويلا، سېۋەتلىرى قوپال، ئاجىز بولغاچقا، بازىرى كاسات ئىكەن. ئۇ ئەيىبىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي: >ئاۋۇت بولمىغان بولسا، بازىرىم ئىتتىڭ بولاتتى< دەپ، ئاۋۇتنى يامان كۆرىدىكەن، ھەسەتخورلۇق قىلىدىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى، داۋۇت كېچىسى ئەل جىمىققاندا ئاستا ئاۋۇتنىڭ ھويلىسغا كىرىپ، بازارغا تەييارلاپ قويغان چويلا، سېۋەتلىرىگە ئوت قويۇۋېتىپ قايتىپ كەپتۇ.
ئاۋۇت ئەتىگەندە تۇرۇپ، چويلا، سېۋەتلىرىنىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، قايغۇرۇپ كۆڭلى ئازابلىنىپتۇ، بىراق يەنىلا بازاردىن قالماسلىق ئۈچۈن چويلا، سېۋەتلىرىنىڭ كۈلىنى بىر خالتىغا قاچىلاپ مېڭىپتۇ. بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ خالتىدىكى كۈلگە قاراپ يىغلاپ تاشلاپتۇ ۋە يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. چۈشىدە ئاپئاق ساقال بىر بوۋاي پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشكە باشلاپتۇ:
>يىغلىما ئوغلۇم، ھالال ئىش قىلغان ئادەم زىيان تارتمايدۇ، زىيىنىڭنى مەن تۆلەپ قوياي!<
ئاۋۇت ئويغىنىپ كېتىپتۇ. قارىسا، خالتىدىكى كۈل يالتىراپ تۇرغان ئالتۇنغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇ خۇشال بولۇپ ئۆيىگە قايتىپتۇ، يولدا چويلا، سېۋەتلىرىنى كۆتۈرگەن داۋۇت ئۇچراپ:
- ھە، نېمانچە خۇشال بولۇپ ئېچىلىپ كەتتىڭ؟- دەپ سوراپتۇ ئاۋۇتتىن سىر ئالماقچى بولۇپ.
ئاۋۇت سەمىمىي ئادەم بولغاچقا، ئەھۋالنى ئەينەن سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئالتۇننى كۆرۈپ داۋۇتنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ: مەنمۇ شۇنداق قىلسام بولمامدۇ، دەپ ئويلاپتۇ.
ئۇ بىر ئېرىقنىڭ بويىغا كېلىپ چويلا، سېۋەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپتۇ - دە، كۈلىنى خالتىغا ئېلىپ زورمۇزور يىغلاپ ئۇخلىماقچى بوپتۇ، بىراق ھەر قانچە قىلسىمۇ كۆزىدىن ياش چىقماپتۇ، ئۇيقۇسىمۇ كەلمەپتۇ؛ چۈشمۇ كۆرمەپتۇ؛ خالتىسىدىكى كۈل ئالتۇنغمۇ ئايلانماپتۇ. بىر كۈن ئەخمەق بولۇپ ئولتۇرۇپ قايتىپ كەپتۇ.
ئۇنىڭ ئىچى ئادىغانسېرى ئاۋۇتنىڭ كۈنى تېخىمۇ ئوبدان ئۆتۈپ، ئۆزىنى نەس باسقىلى تۇرۇپتۇ. >نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك< دېگەن تەمسىل شۇنىڭدىن قالغانىكەن.