UyghurWiki
UyghurWikiماسالبەش بارماقنىڭ سۆز تالىشىشى

بەش بارماقنىڭ سۆز تالىشىشى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى بەش بارماق سۆز تالىشىپ قاپتۇ. - ھەممىدىن مەن نوچى، - دەپتۇ باشمالتاق گىدىيىپ تۇرۇپ، - >باتۇر<، >نەمۇنىچى< دېگەن سۆزلەر ئېيتىلغاندا مەن چىقىرىلىمەن، مەن نېمىدېگەن قالتىس - ھە! باشقا تۆت بارماق بۇ گەپنى ئاڭلاپ قايىل بولماپتۇ. - ئۇنچىۋالا كۆرەڭلەپ كەتمە، - دەپتۇ كۆرسەتكۈچ بارماق، - سېنىڭ قالتىس چاغلىغۇچىلىك نېمەڭ بولسۇن! كىشىلەر يولنى ياكى نەرسە - كېرەكلەرنى كۆرسىتىدىغان چاغدا مېنى ئىشقا سالىدۇ. كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ گېپى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، ئوتتۇرانچى بارماق سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىراپ: - مېنىڭ بويۇم ھەممىنىڭكىدىن ئېگىز، تىككۈچى، ياغاچچىلار سىزىق تارتقان چاغلاردا ھامان مېنى ئىشقا سالىدۇ، - دەپتۇ. نامسىز بولغان تۆتىنچى بارماق قابىلىيىتىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئۆزىگە مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئاجىز قىلىپ كۆرسىتىشنى خالىماپتۇ، شۇنىڭ بىلنە ئۇ: - مېنىڭ ئالاھىدە سانالغۇدەك بىر تۆھپەم بولمىسىمۇ، سىلەرگە مەلۇم بولمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىم، سىلەر ئاز تولا تۆھپە قوشۇپلا قويىدىغان بولساڭلار پو ئاتىدىكەنسىلەر، ھەقىقەتەن ھايا دېگەننى بىلمەيدىكەنسىلەر، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغانسېرى چىمچىلاقنىڭ شۇنچە ئاچچىقى كەپتۇ. ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا: - مېنىڭ بۇيۇم پاكار، ئۆزۈم ئىخچام، ھەربىيلەر قول بومبىسى تاشلىغان چاغدا، مېنىڭسىز ئۇنىڭ يىپى تارتىلمايدۇ. يىپى تارتىلمىغان قول بومبىسى قانداق پارتلىسۇن! - دەپتۇ. بەش بارماق ئەنە شۇنداق گەپ تالىشىپ تۇرغاندا، كىچىككىنە بىر توپ دومىلاپ كەپتۇ، ئۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ: - تالاشماڭلار دوستلىرىم، تالاشماڭلار. ئەگەر كىم يەككە ھالدا مېنى يەردىن كۆتۈرۈۋالالىسا، شۇنى قالتىس دېسە بولىدۇ. قېنى، ماھارىتىڭلارنى كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان بەش بارماق ئۆچىرەت بىلەن يەككە - يەككە ھالدا ھەرىكەتكە كەپتۇ، بىراق ئىنجىقلاپ، تەرلەپ - پىشىپ شۇنچە ھەپىلەشسىمۇ، ئۇلاردىن ھېچقايسىسى كىچىككىنە توپنى يەردىن زادىلا كۆتۈرۈۋالالماپتۇ. - ناۋادا، سىلەر بەشەيلەن بىللە ھەرىكەتكە كەلسەڭلار، چاتاق يوق ئالالايسىلەر، - دەپتۇ توپ كۈلۈپ تۇرۇپ. شۇنىڭ بىلەن بەش بارماق بىرلىكتە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپتىكەن، كىچىككىنە توپنى يەردىن ئاسانلا كۆتۈرۈۋاپتۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن بەش بارماق بىر - بىرىگە قارىشىپ، خىجىل بولۇشۇپ قاپتۇ. ئۇلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سۆز تالاشمايدىغان، ھەر قانداق ئىشتا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
بەش بارماقنىڭ سۆز تالىشىشى | UyghurWiki | UyghurWiki