ئۆچكە بىلەن شاخ
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئۆچكە چىقىپ ئېغىلدىن،
كەپتۇ ھەريان ئارىلاپ.
ئېگىز تامنى ياقىلاپ،
پاكارىدىن مارىلاپ.
كەلگىنىدە بىر يەرگە،
تام سوقمىغان باغ ئىكەن،
ئالما، ئۆرۈك ھەم ئۈزۈم،
پىشىپ تۇرغان چاغ ئىكەن.
بولۇق تۇرغان مېۋىلەر،
كۆرۈنۈپتۇ ئۆچكىگە.
ئۆچكە ئويلاپ، بىر تامشىپ،
كەپتۇ يېيىش قەستىگە.
ئىرغىتىتپۇ ئالمىنى،
بىراق كۈچى يەتمەپتۇ.
شاخ تۇرۇپتۇ شۇ پېتى،
مىدىر - سىدىر ئەتمەپتۇ.
ئۆچكە بويلاپ بېقىپتۇ،
بويى شاخقا يەتمەپتۇ.
مېۋە يېيىش قەستىدىن،
شۇنداقتىمۇ قايتماپتۇ.
چىقماق بولۇپ شاخلارغا،
سەكرەپتۇ ئۇ نەچچە رەت.
قانچە سەكرەپ يېقىلىپ،
چېكىپتۇ كۆپ رىيازەت.
سەكرەۋەرگەچ ئۆچكىباي،
كېتىپ قاپتۇ ماغدۇرى.
يالۋۇرۇپتۇ ئاخىرى:
- دىدارىڭنى كۆرەي دەپ،
نەچچە تامدىن ھالقىدىم.
تەندە دەرمان قالمىدى،
ئۇسسىدىممەن - چاڭقىدىم.
كەلسەم دوستۇق قېشىڭغا،
قاپىقىڭنى ئاچمىدىڭ.
ئىززىتىمنى قىلىپ سەن،
مېۋەڭنىمۇ چاچمىدىڭ.
دوستى كەلسە ئالدىغا،
كىملەر قاپاق تۈرگەنتى؟
دوست يىقىلسا غادىيىپ،
يۆلىمەستىن كۈلگەنتى؟
ھەيران قالدىم ئىشىڭغا،
قارغىش تەگسۇن شېخىڭغا.
مەنمۇ سەندەك كۈلەرمەن،
كۈن چۈشكەندە بېشىڭغا.
زەھەر تۆكۈپ ئۆچكىباي،
يانماق بولۇپ بۇرۇلدى.
ئۇ غاجىغان قۇرۇق شاخ،
ئۆچكىبايغا ئۇرۇلدى.
ئۆچكە باقتى قايرىلىپ،
قۇرۇق شاخقا ئالىيىپ.
شاخمۇ كەلدى زۇۋانغا،
ئۆچكىدەكلا ئالىيىپ:
- ئۆچكىباي دەپ ئېتىڭ بار،
ئېكەكتەكلا چىشىڭ بار.
دوستۇم دېسە باشقىلار،
غاجايدىغان ئىشىڭ بار.
بىر چاغلىرى سېنى مەن،
دوستۇم ساناپ يۈرگەنتىم.
سەن يىغلىساڭ تەڭ يىغلاپ،
كۈلگىنىڭدە كۈلگەنتىم.
سەن يىغلىساڭ تەڭ يىغلاپ،
كۈلگىنىڭدە كۈلگەنتىم.
بىللە يۈرۈپ بىر مەھەل،
بىلىپ قالدىم ئويۇڭنى.
تويۇپ يازدا مېۋەمگە،
قىشتا غاجاش خۇيۇڭنى.
غاجاپ يۈرۈپ چىشىڭدا،
شاخلىرىمنى قۇرۇتتىڭ.
مېۋە بەرگەن چېغىمنى،
ئەستە تۇتماي ئۇنتۇدىڭ!
سېنىڭ مۇشۇ ئىشىڭنى،
ئىچىڭ بىلەن تېشىڭنى؛
بىلمەس دېمە باشقىلار،
پۇتقا قويما خىشىڭنى.
ئىبرەت ئېلىپ كۆپچىلىك،
ساڭا چىراي ئاچمىدى.
بۇرۇنقىدەك >دوستۇم< دەپ،
مېۋىسىنى چاچمىدى.
خاپا بولما ئۆزگىدىن،
بولغىن خاپا ئۆزۈڭدىن.
كىرمە باغقا يېنىشلاپ،
يوقال، ھازىر كۆزۈمدىن!
ئۆچكە بولدى ئاستاغىنا.
نېمە كەچتى ئويىغا،
ئاشۇ ئوسال تۇرقىدا.