UyghurWiki
UyghurWikiماسالپاقا بىلەن شال مايسىسى

پاقا بىلەن شال مايسىسى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى شال ئېتىزىدا، بىر پاقا خۇشال ھالدا بېجىرىم، ياپيېشىل ئۆسكەن بىر تۈپ مايسىنىڭ تۈۋىدە تاقلاپ يۈرەتتى. ھېلىقى مايسا پاقىنىڭ سوقۇۋېتىشى بىلەن ئىرغاڭلاپ كەتتى - دە، پاقىغا قاتتىق نارازى بولۇپ: - ئەي، جۇۋاينىمەك پاقا، سەن نېمىشقا دائىم مېنى ئىتتىرىپ ئارام بەرمەيسەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى مۇنداق قىلغۇچى بولما! - دەپتۇ. پاقا ئازار يېگەندىن كېيىن، بۇ بىر تۈپ مايسىنىڭ قېشىغا كەلمەيدىغان بوپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن باشقا مايسىلار غول تارتىپ تېز ئۆسۈپتۇ، ھېلىقى مايسا بولسا خېلى كۈنلەرگىچە مىجەزىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ بارا - بارا ئورۇقلاپ كېتىپتۇ، ئۆسەلمەپتۇ، يوپۇرماقلىرىمۇ سارغىيىپ كېتىپتۇ. بۇ مايسا دىققەت قىلىپ قارىسا، ھېلىقى پاقا قېشىغا تولا بارىدىغان مايسىلار بەك تېز ئۆسۈۋاتقۇدەك، بۇنىڭغا ھەيران قالغان كېسەل مايسا ئاۋازىنى بەك چىقىرىپ: - ئەي پاقىجان، نېمىشقا مېنىڭ يوپۇرماقلىرىم سارغىيىپ كېتىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. پاقا سەكرەپ كېلىپ: - سېنىڭ تېنىڭدە زىيانلىق قۇرت - ھاشارات تولا، ئۇلار ساڭا زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. كەل، مەن ساڭا ياردەملىشىپ داۋالاپ قوياي، - دەپتۇ. پاقا شال مايسىسىنىڭ تېنىدىكى قۇرت - ھاشاراتلارنى تېرىپ يېۋەتكەنىكەن، مايسا بەدەن - ئەزاسىنىڭ راھەتلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا بۇ مايسا قايتا كۆكىرىپ بوي تارتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شال مايسىسى پاقىنى ئۆچ كۆرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن جان دوست - ئاغىنە بولۇپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال