UyghurWiki
UyghurWikiماسالپاقىنىڭ لاپ ئۇرۇشى

پاقىنىڭ لاپ ئۇرۇشى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر پاقا كالىنىڭ بىر تۈكىنى تېپىۋاپتۇ ۋە ئۇنى كالپۇكىغا چاپلىۋېلىپ، بارغانلا يېرىدە: - مەن بۈگۈن بىر كالىنى پۈتۈن يۇتۇۋەتتىم، - دەپ لاپ ئۇرۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بىر مۇنچە جانىۋارلار ھەيران بولۇشۇپتۇ. قۇشقاچ بېشىنى چايقىغان ھالدا: - سەن ئاغزىڭغا كەلگەننى سۆزلەۋەرمە! ئۆزۈڭ كالىنىڭ تاپىنىچىلىكمۇ چىقمايسەنۇ، قانداق قىلىپ بىر كالىنى يۇتۇۋېتەلەيسەن؟ - دەپتۇ. - ھىم، ئىشەنمەمسەن؟ مېنىڭ كالپۇكۇمدا قالغان كالىنىڭ مۇنۇ بىر تال تۈكىنى كۆرمىدىڭمۇ! - دەپتۇ پاقا كۆرەڭلىگەن ھالدا. - دەل شۇ چاغدا، ئۇدۇلدىن بىر كالا كېلىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن قۇشقاچ پاقىغا: - راست - يالغانلىقىنى نەق مەيداندا كۆرىمىز، قېنى، سەن مۇنۇ كېلىۋاتقان كالىنى يۇتۇپ باقە! - دەپتۇ. پاقا ئالدىراپ قوللىرىنى پۇلاڭشىتىپ: - ياق، ياق، مەن بۈگۈن بىر كالىنى يۇتۇۋەتتىم، قورسىقىم بەك تۇيۇپ كەتتى. ئەتە قورسىقىم ئاچقاندا بۇ كالىنىمۇ چوقۇم يۇتۇۋېتىمەن! - دەپتۇ. شۇ پەيتتە كالىمۇ ئاستا مېڭىپ يېتىپ كەپتۇ ۋە پاقىنى دەسسىۋەتكىلى تاس قاپتۇ. پاقا قورققىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپتۇ، ئەگەر ئۆزىنى دەرھال چەتكە ئالمىغان بولسا، كالىنىڭ تاپىنى ئاستىدا مىجىلىپ كېتىدىكەن. دەرەختىكى قۇشقاچ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىپ: - ئاستىراق ماڭ، پاقىجان، كالا ساڭا يەنە بىر نەچچە تال تۈكىنى قالدۇرۇپ كەتسۇن، - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
پاقىنىڭ لاپ ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki