ئۈچ ئالتۇن بالا
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بار ئىكەن. ئۇ ئۆز مەملىكىتىگە قوشنا بولغان يەنە بىر مەملىكەت پادىشاھىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ - دە، ئۈچ ئالتۇن بالىنى نۆكەرلىرىدىن قوشنا مەملىكەتكە ئەۋەتىپتۇ.
بۇ ئۈچ ئالتۇن بالا بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشاش بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەدىر - قىممىتى ئوخشاشمايدىكەن. پادىشاھ قوشنا مەملىكەت پادىشاھىغا بۇ ئۈچ ئالتۇن بالىنىڭ ئىچىدىن قەدىر - قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىرىنى تاللاپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.
قوشنا مەملىكەتنىڭ پادىشاھى بۇ ئۈچ ئالتۇن بالىغا قايتا - قايتا سىنچىلاپ قاراپتۇ، باش قاتۇرۇپ ئويلىنىپتۇ، ئەمما ئەڭ قىممىتىنى تېپىپ چىقالماپتۇ. ئوردىدىكى ئۆلىما - ۋەزىرلەرمۇ تاللاپ چىقالماپتۇ.
بۇ مەملىكەتنىڭ پايتەختىدە ئەقىللىق، ئادىل ھەم ئاق كۆڭۈل بىر يىگىت بار بولۇپ، ئۇ بىر باي قوشنىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنى ئۈچۈن، زىندانغا تاشلانغانىكەن. بۇ يىگىت زىنداندا تۇرۇپ پادىشاھ دۇچ كەلگەن ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپتۇ - دە، بۇ ئۈچ ئالتۇن بالىنىڭ پەرقىنى ئۆزىنىڭ تېپىپ چىقالايدىغانلىقىنى كىشىلەر ئارقىلىق پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ، پادىشاھ يىگىتنى دەرھال ئوردىغا ئەكەلدۈرۈپتۇ.
يىگىت ئۈچ ئالتۇن بالىغا تازا سىنچىلاپ قاراپ، بۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا بىردىن كىچىك تۆشۈك بارلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن شال پاخىلىدىن بىر تال ئېلىپ، ئالتۇن بالىلارنىڭ بىرىنىڭ قۇلىقىغا تىققانىكەن، پاخالنىڭ ئۇچى ئاغزىدىن چىقىپتۇ؛ ئىككىنچىسىنىڭ قۇلىقىغا تىققانىكەن، يەنە بىر قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىپتۇ؛ ئۈچىنچىسىنىڭ قۇلىقىغا تىققانىكەن، ھېچ ياقتىن چىقماي ئىچىدە قاپتۇ.
- پادىشاھ ئالىيلىرى، - دەپتۇ يىگىت بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، - بۇ ئۈچ ئالتۇن بالا مۇنداق ئۈچ خىل ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان: بىرىنچى ئالتۇن بالا، ئۆزلىرى نېمە دېسىلە ئۇنى ئېقىتماي - تېمىتماي ئاپىرىپ كىشىلەرگە ئېيتىدۇ، بۇ خىلدىكى ئادەملەر ئۆزلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدۇ؛ ئىككىنچى ئالتۇن بالا، ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇنى ئاڭلايدۇ، ئەمما كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئادەملەرمۇ سىلىگە ياخشى دوست بولالمايدۇ؛ ئۈچىنچى ئالتۇن بالا، سىلى نېمە دىسىلە ئوبدان ئاڭلايدۇ، باشقىلارغىمۇ توشۇپ يۈرمەيدۇ، ئۇنتۇپمۇ قالمايدۇ، بۇ خىلدىكى ئادەملەر ھەقىقەتەن سىلىگە ياخشى دوست بولالايدۇ، شۇڭا بۇ ئۈچ خىل ئالتۇن بالىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى ئالتۇن بالىنىڭ قەدىر - قىممىتى ھەممىدىن يۇقىرى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بۇ ياش يىگىتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە بەك قايىل بولغان پادىشاھ ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ نۇرغۇن بايلىق ئىنئام قىپتۇ ھەم ئۇنى ئۈچ ئالتۇن بالىنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئەۋەتىپتۇ.