ئوغلاق بىلەن قوزىچاق
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئوغلاق بىلەن قوزىچاق،
بەكمۇ ئىناق دوست ئىكەن.
دائىم بىللە يۈرگەچكە،
كۆڭۈللىرى خۇش ئىكەن.
ئوتلاپ ئۇلار بىر يەردە،
ئىچىدىكەن تەڭ سۇنى.
بىر - بىرىگە باش قويۇپ،
ئۇخلايدىكەن ھەر كۈنى.
دىككاڭ سەكرەپ ئوينىشىپ،
بىر - بىرىنى قوغلىشىپ؛
كۆرۈنمىسە بىرەرى،
مەرەيدىكەن يوقلىشىپ.
يوقكەن ھېچبىر ھىيلىسى،
بىر - بىرىگە كىبرىسى.
بۇ دوستلۇققا >ئاپىرىن!<
ئېيتىدىكەن ھەممىسى.
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپتۇ،
قوزا، ئوغلاق ئۆسۈپتۇ.
ئورمانلاردا، تاغلاردا،
ئويناقلىشىپ يۈرۈپتۇ.
ئۇخلاپ قاپتۇ بىر كۈنى،
ئۇلار تاشنىڭ تۈۋىدە.
كېلىپ قاپتۇ بىر بۆرە،
شۇ چاغ قورساق غېمىدە.
بۇ ئامەتنى كۆرۈپتۇ،
ھىجىيىپتۇ، كۈلۈپتۇ.
نەپسى ئۇنىڭ تاقىلداپ،
مۇنداق پىلان قۇرۇپتۇ:
>ئىككىسىنى تەڭ تۇتاي،
تۇيدۇرماستىن پەم بىلەن.
ھۇزۇرلىناي تازىمۇ،
چاي ئىچكەندەك قەنت بىلەن<.
شۇنداق ئويلاپ بىر سەكرەپ،
تۇتۇۋاپتۇ قوزىنى.
ئوغلاق تۇيۇپ قالغاچقا،
قۇتۇلدۇرۇپتۇ ئۆزىنى.
لېكىن نېرى كەتمەپتۇ،
چىدىماستىن دوستىغا.
نومۇس بىلىپ قېچىشنى،
ئېچىنىپتۇ قوزىغا.
× ×
بۆرە ھەسرەت قىلىپتۇ،
مەقسىتىگە يېتەلمەي.
قانداق قىلىپ ئوغلاقنى،
تۇتۇشىنى بىلەلمەي.
شۇ چاغ قوزا ئېيتىپتۇ،
قورقۇپ كېتىپ، ئوغلاققا:
- كەتكىن، ماڭا قارىماي؛
كەلمە ھەرگىز بۇاققا.
كۈچۈڭ يەتمەس بۆرىگە،
بەرىبىر يەم بولىسەن.
قۇتۇلدۇرىمەن دەپ مېنى،
ئۆزۈڭمۇ تەڭ ئۆلىسەن.
ئاڭلاپ بۆرە بۇ سۆزنى،
ئوڭ كەلدى دەپ بىلىپتۇ.
بۇ ۋاپادار ئوغلاققا،
مۇنداق ھىيلە قىلىپتۇ:
- بىلدىم چىن دوست ئىكەنسەن،
كەتمىدىڭ نېرى قېچىپ.
قوزا سەندىن غەم يېدى،
تۇرساممۇ ئۇنى بېسىپ.
تەسىرلەندىم بۇ ئىشتىن،
كېلىۋەرگىن تەپ تارتماي.
بۇندىن كېيىن سىلەرگە،
مەنمۇ سىرداش دوست بولاي.
ئوغلاق سېزىپ سۇيىقەستنى،
بىر ئىش كەپتۇ يادىغا.
- ۋايجان! - دەپتۇ تۇيۇقسىز،
بىردىن قېچىپ دالدىغا.
مەڭدەپ قېلىپ ئاچ بۆرە:
- نە بولدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- كۆرمىدىڭمۇ كەينىڭدە -
ئەنە ئوۋچى تۇرۇپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ بۆرىنىڭ،
جان - ئىمانى چىقىپتۇ.
تاشلاپ بىردىن قوزىنى،
قۇيرۇق تىكىپ قېچىپتۇ.
قۇچاقلىشىپ ئىككى دوست،
كۆرۈشۈپتۇ، يىغلىشىپ.
مەمنۇن بوپتۇ قەلبىدىن،
بىر - بىرىنى سىنىشىپ.
× ×
شۇندىن تارتىپ ئەلئارا،
مۇنداق بىر سۆز تارقاپتۇ؛
>پىكىر قىلسا ھەر ئىشقا،
ئامال - چارە بار دەپتۇ.
بولساڭ دوست بول يۈرەكتىن،
بىر - بىرىڭگە سادىق بول.
شۇنداق جىددىي پەيتتە،
سىنىلىدۇ مەرد ئوغۇل<