قۇم بىلەن قامغاق
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بورانغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىپ، يېڭىلا دۆڭ ھاسىل قىلغان قۇمنىڭ ئۇيان - بۇيان دومىلاپ يۈرگەن قامغاققا كۆزى چۈشۈپ قېلىپ:
- خۇدايىم، قامغاقنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىغايسەن، - دەپتۇ.
ئۆزىگە >مەن كىم؟< دەپ سالمىغان نەزەر-
ئادەمدىن، ئەي كۆڭلۈم، قىلغايسەن ھەزەر...