UyghurWiki
UyghurWikiماسالمۈشۈك بىلەن توخۇ

مۈشۈك بىلەن توخۇ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى، مۈشۈك بىر كاتەكتىكى توخۇلارنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، دوختۇر قىياپىتىگە كىرىپتۇ - دە، داۋالاش ئەسۋابلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇ يەرگە بېرىپتۇ. ئۇ توخۇ كاتىكىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇلاردىن ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى سوراپتۇ. ئۇلار بولسا: >ئەھۋالىمىز ناھايىتى ياخشى، پەقەت سەن بۇ يەردىن كەتسەڭ ئەھۋالىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ< دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، كىشىلەر ئارىسىدىكى رەزىل ئادەملەر ھەر قانچە رەھىمدىللىك تونىغا ئورىلىۋالسىمۇ، ئازراق ئەقىل - ھوشى جايىدا ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىىتنى كۆرمەي قالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال