UyghurWiki
UyghurWikiماسالياسانچۇق توز

ياسانچۇق توز

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، گۈل - چېچەككە تولغان گۈزەل بىر تاغنىڭ باغرىدا، ھەر خىل قۇش ۋە جان - جانىۋارلار جەم بولۇشۇپ قالغانىكەن. گەپتىن گەپ چىقىپ، ھۈنەر - ماھارەت توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ قاپتۇ. ھەر كىم ئۆز ھۈنەر - ماھارىتىنى تونۇشتۇرۇشقا توغرا كەپتۇ. بۇلبۇل كەمتەرلىك بىلەن: - مەندە ئالاھىدە سۆزلىگۈدەك ھۈنەر يوق. ئانچە - مۇنچە ناخشا ئېيتىشنى بىلىمەن - دەپتۇ. - مېنىڭ دوختۇرلۇقتىن ئاز - تولا خەۋىرىم بار، - دەپتۇ تۆمۈرتۇمشۇق، - دەل - دەرەخ قوۋزاقلىرى ئىچىگە كىرىۋالغان زىيانداش قۇرتلارنى خەنجەردەك ئۇچلۇق تۇمشۇقۇم بىلەن چوقۇپ ئۆلتۈرۈپ، دەرەخلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالايمەن. - مەن قۇرۇقلۇقتىمۇ، سۇدىمۇ ياشىيالايمەن، ئاسماندا ئۇچالايمەن، - دەپتۇ غاز ئۇزۇن بويۇنلىرىنى سوزۇپ. توشقان ئۇزۇن قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ، كۆپچىلىككە تەكشى قاراپ قويۇپ: - مەن سالپاڭ قۇلاق، كۆرۈمسىز بولغان بىلەن، ھەر ھالدا سەگەك. خېلى يىراقتىكى تىۋىشلارنىمۇ ئاڭلىيالايمەن، ئۆزۈممۇ چاققان، خېلى ئوبدان سەكرىيەلەيمەن، - دەپتۇ. - مەن ھەممىڭلاردىن كىچىك، - دەپتۇ قارىغاي شېخىغا قونۇپ ئولتۇرغان قۇشقاچ، - لېكىن ئۇچۇشقا كەلگەندە ئانچە - مۇنچە كارامىتىم بار، خېلى تېز ھەم يىراققا ئۇچالايمەن. باشقىلارمۇ ئەنە شۇنداق ئۆز ھۈنىرىنى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك تونۇشتۇرۇپتۇ. بۇ سورۇندا ئالىيېشىل كىيىملەرنى كىيىپ پوزۇر ياسىنىۋالغان توز قۇشمۇ بار ئىكەن. ئۇ باشقىلارنىڭ ھۈنەرلىرىنى مەنسىتمىگەندەك قىلىپ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپتۇ. ئاخىر غازنىڭ ئىچى پۇشۇپ: - غاق، - غاق، چىرايلىق توزچاق، سەندە نېمە ھۈنەر بار، ئاڭلاپ باقساق! - دەپتۇ. توز ئۆزىدە ئېغىزغا ئالغۇدەك بىرەر ھۈنەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئاتىكاچىلىق قىلىپ: - مېنىڭ نېمە ھۈنىرىم بارلىقىنى كۆپچىلىك ئويلاپ تېپىڭلار! - دەپ قويۇپ، كۆلدىكى سۇغا چۈشكەن شولىسىغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. سورۇندىكىلەر بىر - بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويۇپ، ئويلاشقا باشلاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن تۆمۈرتۇمشۇق توزغا قاراپ: - مەن ئۇزاقتىن بۇيان سېنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن، سۆلىتىڭدىن ھەممىمىز ئەيمىنىمىز، لېكىن ئۇچۇشقا كەلگەندە قۇشقاچچىلىكمۇ كارامىتىڭ يوق. سېنىڭ تېشىڭ پال - پال، ئىچىڭ غال - غال. سەندىكى بىردىنبىر ھۈنەر ئۆزۈڭنى ياساش، تاپتىممۇ؟ - دەپتۇ. - تاپتىڭ، تاپتىڭ! - دېيىشىپتۇ كۆپچىلىك تەڭلا كۈلۈشۈپ، - ئەي، توز، سەن تېشىڭنى بېزەيمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچە، بىلىم - ھۈنەر بىلەن ئىچىڭنى بىزىگىن! ياسانچۇق توز گەپمۇ قىلالماي، پوكاندەك قىزىرىپ ئولتۇرۇپلا قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ياسانچۇق توز | UyghurWiki | UyghurWiki