UyghurWiki
UyghurWikiماسالبەڭباش توقاچ

بەڭباش توقاچ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر موماي ئۇن ساندۇقىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا قالغان ئازغىنا ئۇننى يىغىپ بىر نەچچە توقاچ يېقىپتۇ - دە، ئۇلارنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن دېرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويۇپتۇ. توقاچلار تەكچىدە خېلى ئۇزاق تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قىزىرىپ پىشقان چىرايلىق بىر توقاچنىڭ ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ قاپتۇ - دە، دېرىزىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپتۇ. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىگە ھەيران بوپتۇ. ئۆزىنىڭ قېچىپ چىققىنىغا خۇش بولۇپ، باغلارنى، ئورمانلارنى تاماشا قىلىپ، سەكرەپ - ئويناقلاپ كېتىۋۋېرىپتۇ. توقاچ بىر يەرگە يېتىپ بارغاندا، ئالدىدىن ئۇزۇن قۇلاق بىر توشقان چىقىپ قاپتۇ. - ئەي، چىرايلىق توقاچ، توختا، مەن سېنى يەيمەن! - دەپتۇ توشقان. - مېنى يېمىگىن توشقانجان، ئىككىمىز دوست بولايلى. مەن ساڭا ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىمەن، - دەپتۇ توقاچ ۋە ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ: مەن توقاچچاق چىرايلىق، بۇغداي ئۇنىدا پىشقان. موماي قويغان تەكچىدىن، بىر سەكرەپ قېچىپ چىققان. پىشتىم زەپمۇقىزىرىپ، كېلەر ھەر كىم ھەۋىسى. يېيەلمىدى پىشۇرغان، سېنىڭ ھەيۋەڭ نېمىسى!؟ توقاچ ناخشىسىنى تۈگىتىپلا ئۆز يولىغا كېتىپ قاپتۇ. توقاچ سەكرەپ - سەكرەپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن بىر بۆرىگە يولۇقۇپ قاپتۇ. - ئەي توقاچ، مەن سېنى يەيمەن! - دەپتۇ بۆرە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ. - مېنى يېمە، بۆرىباي، مەن ساڭا ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ بېرىمەن! - دەپتۇ توقاچ ۋە ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ: دېرىزىدىن بىر سەكرەپ، كەڭ دۇنياغا چىقتىممەن. يول ئۈستىدە كالتە پەم، توشقانجاننى كۆردۈممەن. يەيمەن دەپمۇ يېيەلمەي، قالدى قۇلاق دىڭگايتىپ، سەن چىقتىڭمۇ ئالدىمدىن، چىشلىرىڭنى ھىڭگايتىپ. ئۆز يولۇڭغا ماڭ، بۆرە! مەنمۇ كېتەي يولۇمغا. خېلىدىن قۇتۇلدۇم، مەن چۈشمەسمەن قولۇڭغا. توقاچ ناخشىسىنى تۈگىتىپ كېتىپ قاپتۇ. بۆرە شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ قاراپ قاپتۇ. توقاچ ئويناقلاپ كېتىۋاتسا، ئالدىدىن بىر تۈلكە چىقىپ قاپتۇ. - ياخشىمۇسەن قىممەتلىك توقاچ؟ سەن نېمىدېگەن چىرايلىق - ھە! - دەپتۇ تۈلكە قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، تامىقىنى چاكىلدىتىپ. تۈلكىنىڭ سۇئالىغا جاۋابەن توقاچ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا باشلاپتۇ. سەكرەپ چىقتىم مەن توقاچ، دېرىزىدن، تەكچىدىن، قېچىپ كەلدىم غىپپىدە، قېرى موماي نەپسىدىن. يېيەلمىدى توشقانباي، قورقمىدىممەن بۆرىدىن. سەنمۇ يانغىن ئەي، تۈلكە، ئۆزۈڭنىڭ شۇم پەيلىدىن. - پاھ - پاھ، نېمىدېگەن ياخشى ناخشا بۇ! - دەپتۇ تۈلكە، - بىراق مەن قېرىپ قالدىم، قۇلىقىم ياخشى ئاڭلىيالمايدۇ، شۇڭا، ئېغىر كۆرمەي بۇرنۇمنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تېخىمۇ يېقىملىق ناخشىلىرىڭ بولسا ئېيتىپ بەرسەڭ، لېكىن ئۈنلۈكرەك ئېيت. تۈلكىنىڭ ماختاشلىرى بىلەن مەست بولۇپ كەتكەن توقاچ كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ: مىندىم تۈلكە بۇرنىغا، مەن چۈشمەيمەن تورىغا... - رەھمەت، شېرىن توقاچ! ياخشى ناخشا ئىكەن، بەكمۇ يېقىملىق ئىكەن. مەن يەنىلا ناخشاڭنى ئاڭلاشقا خۇشتارمەن. ئەمدى تىلىمنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يۇمشاققىنائولتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ناخشىلىرىڭ بولسا ئېيتقىنا! - دەپتۇ تۈلكە تىلىنى چىقىرىپ. توقاچ تۈلكىنىڭ تىلى ئۈستىگە سەكرەپ چۈشۈپ، ناخشىسىنى باشلاي دەپ تۇرۇشىغا قۇۋ تۈلكە >ھاپ< قىلىپلا ئۇنى بىر يالماپ يۇتۇۋېتىپتۇ. توقاچ بەڭباشلىقىدىن تۈلكىگە يەم بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
بەڭباش توقاچ | UyghurWiki | UyghurWiki