UyghurWiki
UyghurWikiماسالدېھقان ۋە ئۇنىڭ مېكىيانلىرى

دېھقان ۋە ئۇنىڭ مېكىيانلىرى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر دېھقان بازاردىن بىر كىچىك، بىر چوڭ ئىككى مېكىيان سېتىۋاپتۇ. بىر كۈنى مېكىيانلار تۇغۇپتۇ. چوڭ مېكىياننىڭ تۇغقىنى چوڭ تۇخۇم ئىكەن. كىچىك مېڭىياننىڭ تۇغقىنى كىچىك تۇخۇم ئىكەن. دېھقان چوڭ تۇخۇمنى قولىغا ئېلىپ: - پاھ، نېمىدېگەن يوغان تۇغقان - ھە! باققىنىمنى تۆلەيدىغان جانىۋار ئىكەن بۇ، - دەپتۇ ۋە چوڭ مېكىياننىڭ ئالدىغا جىققىنا دان چېچىپ بېرىپتۇ. ئاندىن كىچىك تۇخۇمنى قولىغا ئېلىپ: - نېمە بۇ؟ كەپتەرنىڭ تۇخۇمىچىلىكلا تۇرىدىغۇ. ۋاي، ئۆلەرمەن، ئىست ساڭا بەرگەن دانلىرىم، دەپتۇ كىچىك مېكىيانغا قاراپ ۋە ئۇنىڭغا ھېچنېمە بەرمەپتۇ. كىچىك مېكىيان سىرتقا قاتراپ، ئۇ يەر - بۇ يەرلەردىن بىر نېمىلەرنى تېرىپ يەپ، كىچىك بولسىمۇ، ھەر كۈنىلا بىر تۇخۇم تۇغۇپتۇ، بىراق، چوڭ مېكىيان كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەييارنى يەپ، بەك سەمرىپ كېتىپ كاتەكتىن چىقالمايدىغان ۋە تۇخۇم تۇغمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، لېكىن دېھقان ئۇنىڭ تۇغمىغانلىقىدىن ھېچقانداق خاپا بولماپتۇ، ئەكسىچە، ئۇنىڭ بالدۇرقى تۇخۇمىنى كىشىلەرگە كۆرستىپ: - كۆردۈڭلارمۇ، بۇ چوڭ تۇخۇمنى مۇشۇ تۇغقان، قاراپ تۇرۇڭلار، كېيىن ئۇ بۇنىڭدىنمۇ چوڭىنى تۇغىدۇ، - دەپتۇ ۋە چوڭ مېكىيانغا تېىىمۇ كۆپ يەم بېرىپتۇ. كىچىك مېكىيان بىلەن زادىلا چاتىقى بولماپتۇ. كىچىك مېكىيان ئىگىسىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىسىمۇ، ھەسرىتىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بەزى ئاچ، بەزى توق يۈرۈپ تۇغۇۋېرىپتۇ. ئۇنىڭ تۇغقان تۇخۇملىرى يوغان بىر سېۋەتكە تولۇپتۇ. دېھقان بۇ تۇخۇملارنى بازارغا ساتقىلى مېڭىشتىن ئىلگىرى چوڭ مېكىيانغا: مەن قايتىپ كەلگۈچە ئاچ قالمىسۇن دەپ جىققىنا دان بېرىپتۇ. كىچىكى بىلەن كارى بولماپتۇ. بازاردا كىچىك مېكىياننىڭ تۇخۇملىرى ناھايىتى كۆپ پۇل بوپتۇ. دېھقان پەقەت شۇ چاغدىلا كىچىك مېكىيانغا قىلغان شەپقەتسىزلىكىدىن ئۆكۈنۈپتۇ ۋە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ياخشى قارىماقچى بوپتۇ، بىراق ئۇ قايتىپ كەلسە چوڭ مېكىيان توقلۇقتىن، كىچىك مېكىيان ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ماسال