نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن بۇرسۇق
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
تۈلكە توخۇ ئوغرىلاۋاتقاندا، تايغان ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن قورققان تۈلكە تاغ ئورمانلىقىغا قاراپ جېنىنىڭ بارىچە قېچىپتۇ، ئەمما ئۇ توخۇنى چىشلەپ ماڭغانلىقتىن تېز يۈگۈرەلمەپتۇ - دە، تايغان يېتىشىۋېلىشقا ئازلا قاپتۇ. بەختكە يارىشا، بۇ چاغدا تۈلكىنىڭ ئالدىغا بىر بورسۇق )قاشقا ئوغلاق( ئۇچراپ قاپتۇ.
- بۇرسۇق ئۇكا، مەن بىر توخۇ ئوغرىلىغانىدىم، سەن ئۆڭكۈرۈڭگە ئەكىرىپ قويۇپ تۇرساڭ، كەچقۇرۇنلۇققا ئىككىمىز يېرىمدىن بۆلۈشۈۋالساق، - دەپتۇ تۈلكە ھاسىرىغان ھالدا.
بورسۇق توخۇنىڭ سېمىز ھەم يوغانلىقىنى كۆرۈپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپتۇ ۋە خۇشال كەيپىياتتا توخۇنى سۆرەپ ئۆڭكۈرىگە ئەكىرىپ كېتىپتۇ. تۈلكە يېنىكلىشىپتۇ - دە، ئۇچقاندەق قېچىپ كېتىپتۇ.
تايغان توخۇدىن ئاققان قان تامچىلىرىنى بويلاپ قوغلاپ كېلىپ بورسۇقنىڭ ئۆڭكۈرىگىچە بېرىپتۇ.
بورسۇق قورققىنىدىن:
- تايغان تاغا، توخۇنى تۈلكە ئوغرىلىغان، مەن ئەمەس...، - دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
- تۈلكە بولسا ئوغرى، سەن بولساڭ يوشۇرۇپ قويغۇچى، ئىككىيلەڭ جىنايەتكار، - دەپتۇ تايغان غەزىپى ئۆرلەپ.
تايغان ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن بورسۇقنىڭ كانىيىدىن چشلىگەن چاغدىلا، بورسۇق پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي ئەلەم بىلەن يىغلاپ كېتىپتۇ.