UyghurWiki
UyghurWikiماسالئاغزى مەينەت بۆجەن

ئاغزى مەينەت بۆجەن

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كىچىك ئاق بۆجەن >ئاناڭنى< دېگەن سۆزنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، داۋاملىق سۇ سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاق بۆجەن مايمۇنچاق بىلەن توپ ئويناۋاتقاندا، مايمۇنچاق ئاتقان توپىنى بۆجەن تۇتۇۋالالماي يۈزىگە تېگىپ كېتىپتۇ. ئاق بۆجەن دەرھال ئاچچىقلىنىپ >ئاناڭنى< دەپ تاشلاپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان مايمۇنچاقنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: - سېنىڭ ئاغزىڭ نېمىدېگەن پاسكىنا، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بۆجەن دەرھال ئۆيىگە بېرىپ ئاغزىنى چايقاپ، چىشلىرىنى چوتكىلاپتۇ ۋە سىرتقا چىقىپ ئاسلان بىلەن ئارغامچا سەكرىشىپ ئويناپتۇ. بۇ چاغدا ئاسلان بەك تېز سەكرىگەچكە، بۆجەنگە ئارغامچا تېگىپ كېتىپتۇ، بۆجەن تېرىككەن ھالدا يەنە >ئاناڭنى< دەپتۇ. ئاسلان بۇ سۆزنى يىرگىنچلىك ھېس قىپتۇ ۋە كۆزلىرىنى ئالايتىپ رەنجىگەن ھالدا: - سەن تولىمۇ ئەدەبسىز بولۇپ كېتىپسەن. بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ بىلەن ئوينىمايمەن، - دەپتۇ. ئاق بۆجەن بۇ ئەيىبىنى تۈزەتمىگەنلىكى ئۈچۈن دوستلىرى كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ، ئۇنى ئارىغا ئالمايدىغان، كۆرۈپ قالسىمۇ يىراق قاچىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئاخىر يالغۇزچىلىقتىن زېرىكىپ زار - زار يىغلاپتۇ ھەم دوستلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن ئارىغا ئالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ، دوستلىرى ئۇنىڭغا: - سېنىڭ تەنلىرىڭ ئاپئاق ۋە چىرايلىق بولسىمۇ، بىراق سەن يامان سۆزلەر بىلەن ئادەم تىللايسەن، شۇڭا بىز سېنى >مەينەت ئېغىزلىق بۆجەن< دەپ قاراپ، سەن بىلەن ئويناشتىن قول ئۈزدۇق، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاق بۆجەننىڭ خىجىللىقتىن يۈزى چوغدەك قىزىرىپ، قىزىل كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ ھەم: - مەن چوقۇم تۈزىتىمەن، - دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دوستلىرى بۆجەننىڭ ئەدەبلىك بولۇپ قالغانلىقىنى، سۆز ۋە مۇئامىلىسىنىڭمۇ بارغانسېرى چىرايلىقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دوستلىرى ئۇنى ماختاپ: - ئاق بۆجەن، ئەمدى سېنىڭ قەلبىڭمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش ھەقىقىي ئاق بوپتۇ، - دېيىشىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ئاغزى مەينەت بۆجەن | UyghurWiki | UyghurWiki