UyghurWiki
UyghurWikiماسالتۆمۈر تۇمشۇق بىلەن دەرەخ

تۆمۈر تۇمشۇق بىلەن دەرەخ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى تۆمۈر تۇمشۇق بىر تۈپ دەرەخنىڭ غولىغا قونۇۋېلىپ قۇرت چوقۇلىغىلى تۇرغانىكەن، دەرەخ ۋارقىراپ كېتىپتۇ: - ماڭا چېقىلما! ماڭا چېقىلما! جېنىمنى ئاغرىتىۋەتتىڭ! - دەرەخ ئەپەندى، تېنىڭىزدە قۇرت بار ئىكەن، مەن ئۇلارنى تۇتۇۋاتىمەن، - دەپتۇ تۆمۈرتۇمشۇق كۆيۈنگەن ھالدا. - نېمە؟ قۇرت تۇتۇۋاتىمەن؟ مۇشۇنداق ياش ھەم ساغلام تېنىمدە قانداقمۇ قۇرت بولسۇن؟ سېنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقىڭنى ئۇقمايمەنمۇ؟ سەن مېنىڭ ئالدىمدا نەيرەڭۋازلىق قىلىمەن دېمەي، كۆزۈمدىن تېز يوقال! - دەپتۇ دەرەخ تېخىمۇ غەزەپلەنگەن ھالدا. ياخشىلىقنى بىلمىگەن دەرەخكە ئاچچىقى كەلگەن تۆمۈرتۇمشۇق ئۇچۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىرمۇ تۆمۈرتۇمشۇق بۇ دەرەخنىڭ قۇرتىنى چوقۇلىماپتۇ. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بۇ دەرەختىكى قۇرتلار كۆپىيىپ، >ياش<، >ساغلام< دەرەخنىڭ ئىچى پورلىشىپ كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. بۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ: كىچىككىنە كېسەل ۋاقتىدا شىپا تاپمىسا، چوڭايغانسېرى تېخىمۇ ئازاب كەلتۈرىدۇ. بىزدە كەمچىلىك بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ تەنقىد قىلىشىنى ۋە ياردەم بېرىشىنى قارشى ئېلىشىمىز، كەمچىلىكنى ۋاقتىدا تۈزىتىۋېلىشىمىز كېرەك. كىچىك كەمچىلىكلەرنى تۈزەتمىسەك، چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويىمىز.
← بارلىق تېمىلار ماسال