UyghurWiki
UyghurWikiماسالئالما بىلەن سۇ

ئالما بىلەن سۇ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى باھار كەپتۇ. دەل - دەرەخلەر يوپۇرماق چىقىرىپ، ئالما، ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ مېۋىگە كىرىپتۇ، ئىشچان باغۋەننىڭ ئوغۇت بېرىپ، سۇ قۇيۇپ، دورا چېچىپ كۈتۈشى بىلەن ئالمىلار يوغىناپ مەي باغلاپ پىشىپتۇ. بىر كۈنى، ئېرىققا سۇ كەپتۇ. شاختىكى بىر ئالما ئېرىقتىكى سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ماختىنىپتۇ: - مەن نېمىدېگەن يوغان، نېمىدېگەن رەڭلىك، تازا مەي باغلاپ پىشتىم، مېنى يېگەنلەر ھۇزۇرلىنىپ رەھمەت ئېيتىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان سۇ بىر ئاز خاپا بولغان ھالدا: - مەن بولمىسام سەن قانداق قىلاتتىڭ، تۈك تاشلىماي تۇرۇپلا قورۇلۇپ يىگىلەپ كەتكەن بولاتتىڭ. سەن ئۆزۈڭنى ماختىماي، ماڭا رەھمەت ئېيت، - دەپتۇ. ئالما بىلەن سۇنىڭ تالاش - تارتىشى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپتۇ، زادىلا بېسىلماپتۇ. بىر چاغدا بۇلبۇل ئارىغا چۈشۈپ: - ھەر نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ، كەمچىلىكىمۇ بولىدۇ، سىلەرنىڭمۇ شۇنداق. بۇنى ئۆزۈڭلار سۆزلىمەي باشقىلار سۆزلىسۇن. ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەش ئەخمەقلىق، سىلەر قىش - ياز تەر ئاققۇزغان باغۋەننىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەڭلار، - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال