بۇلۇت بىلەن سۇ
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
سۈپسۈزۈك كۆك ئاسمانغا قاياقتىندۇر پەيدا بولغان بىر توپ بۇلۇت گويا نار تۆگىدەك ئۇياق - بۇياققا يۈگۈرۈپ كۆرەڭلەشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن دەريا - دېڭىزدىكى سۇلار:
- ئەي بۇلۇت! ئۇنچىۋالا كۆرەڭلەپ كەتمە! سەنمۇ بىزنىڭ پۇشتىمىز بولىسەن. ھەر قانچە ئېگىزگە چىقىپ كەتسەڭمۇ ئەسلىڭنى ئۇنتۇماسلىقىڭ كېرەك، - دېدى.
- نېمە! - دېدى بۇلۇت ھۆركىرەپ، - سەن مۇندىن نەچچە چاقىرىم پەستە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن!؟ مەن شۇنچە ئېگىزدە تۇرۇۋاتسام، قانداقىسىغا سېنىڭ پۇشتۇڭ بولاي!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ھاۋانىڭ بىردىنلا چىرايى تۇتۇلدى - دە، سوغۇق ئېقىم پەيدا قىلىپ ھېلىقى بۇلۇتتىن يامغۇر تۆكتى. يامغۇر دەريا - دېڭىزلاردىكى سۇنىڭ يۈزىگە چۈشتى. ئەمدىلىكتە گەپ قىلغۇچىلىك دەرمانى قالمىغان بۇلۇت ئاسماندىن قاياققىدۇر غايىپ بولدى.