UyghurWiki
UyghurWikiماسالئاسلاننىڭ خىجىللىقى

ئاسلاننىڭ خىجىللىقى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئوزۇق ئېلىپ ئالدىراش، كەپتۇ ئۆيگە مۈشۈكخان. ئوينىغىلى كەتكەنىكەن، شوخ بالىسى ئاسلانجان. ئېلىپ كەلگەن ئولجىنىڭ، يېرىمىنى يەپتۇ ئۇ. يۆگەپ قويۇپ ئاشقاننى، - بالام يېسۇن، - دەپتۇ ئۇ. ساقلاپ بېقىپ بىر ھازا، ئىشقا يەنە كېتىپتۇ. ئاسلان كېلىپ بىر چاغدا، يېمەكلىكنى تېپىپتۇ... كەچتە كەلسە مۈشۈكخان، يېمەكلىك يوق تۇرغۇدەك. >ئاچ قالارمۇ بالام< دەپ، بوپتۇ بەكمۇ پايپېتەك. كەپتۇ شۇندا ئاسلانجان، ئويۇنىدىن زېرىكىپ. - قورساق ئاچتى نان يوقمۇ؟ - دەپتۇ تېخى تېرىكىپ. - يېمىدىڭمۇ گۆشنى سەن؟ - دەپ ئانىسى سوراپتۇ. - ياق، ياق! - دەپتۇ ئاسلانجان، تۇمشۇقىنى تولغاپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ لېۋىدە، قالغانىكەن قان يۇقى. كۆرۈپ ئۇنى ئانىنىڭ، كەپتۇ راسا ئاچچىقى: - ئەنە ئۆزۈڭ يەپسەنغۇ، قويۇپ قويغان يېمەكنى؟ يەپ تۇرۇقلۇق نېمىشقا، ئۇزىتىسەن ئىلمەكنى؟ سەن يېگەن شۇ گۆشنى مەن، قويۇپ قويغان سەن ئۈچۈن. بىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيسەن، يالغان گەپنى سەن نېچۈن؟ بۇنى ئاڭلاپ ئاسلانجان، قىزىرىپتۇ شەلپەردەك. بوپتۇ ئىزا - نومۇستىن، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك.
← بارلىق تېمىلار ماسال