چىۋىن ئۆلتۈرۈش
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر بالا بولۇپ، ئۇ چىۋىننى ناھايىتى ئۆچ كۆرىدىكەن، شۇڭا ھەر كۈنى كالتەك بىلەن چىۋىن ئۆلتۈرىدىكەن. بىر كۈنى چىۋىن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. بۇنىڭغا ناھايىتى ئاچچىقى كەلگەن بالا ئالدىراپ - تېنەپ كالتەكنى كۆتۈرگىنىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرغانىكەن، شۇ ھامانلا دادىسىنىڭ مېڭە قېتىقى تۆت تەرەپكە چاچراپ، يەرلەر قانغا بويىلىپتۇ. دادىسى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا جان ئۈزۈپتۇ، ئەمما، ئۇ لەنىتى چىۋىن بولسا بەخىرامان ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
ناھىيىنىڭ ئامبىلى بۇ بالىنى تۇتۇپ ئاپىرىپ >دادىسىنى ئۆلتۈردى< دېگەن جىنايەت بىلەن ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپتۇ.
دېمەك، مەقسەت توغرا بولسىمۇ، ئۇسۇل توغرا بولمىسا ئوخشاشلا ياخشى نەتىجىگە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ.