UyghurWiki
UyghurWikiماسالتوز بىلەن قىرغاۋۇل

توز بىلەن قىرغاۋۇل

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى توز بىلەن قىرغاۋۇل چوڭ باغنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئىناق، خاتىرجەم ياشاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا >سېنىڭ<، >مېنىڭ< دەيدىغان گەپلەرمۇ، بىرەر نەرسە ئۈستىدە كېلىشەلمەي تالىشىپ قالغۇدەك ئىشلارمۇ سادىر بولماپتۇ. بىراق، بىر كۈنى، بىر توپ شوخ بالىلار باغقا چۇرۇلدىشىپ كىرىشىپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئورىۋاپتۇ. - قارا، - قارا، ئاۇۋ نېمە؟ - دەپ قولى بىلەن توزنى كۆرسىتىپتۇ بىر بالا. - ھە، ئۇ توز، - دەپتۇ ئىككىنچى بالا، - ئۇ شۇنداق چىرايلىق قۇشكى، قۇشلارنىڭ پادىشاھى دېسەكمۇ بولىدۇ. - سەن ئۇنىڭ قاناتلىرىنى كەرگەن چاغدىكى گۈزەللىكنى كۆرسەڭ ئىدىڭ ھەيران قالاتتىڭ. ئۇنىڭ قاناتلىرى خۇددى ئۈنچە - مەرۋايىت تىزىپ كەشتىلەنگەن چىرايلىق گۈللەرگە ئوخشاش. جاھاندا تەڭدىشى يوق چىرايلىق قۇش - دە، - دەپتۇ ئالدىدا تۇرغان قىز بالا. - ئاۋۇچۇ؟ - دەپ سوراپتۇ يەنە بىر بالا. - ئاۋۇنى دەمسەن؟ ئۇ ياۋا توخۇ، - دەپتۇ دەسلەپ بىلەرمەنلىك بىلەن سۆزلىگەن بالا. - ياق! ئۇ توخۇ ئەمەس، قىرغاۋۇل دېگەن شۇ، - دەپتۇ قىزلاردىن بىرى. - قىرغاۋۇل دەمسەن؟ ئەجەبمۇ كۆرۈمسىز نېمە ئىكەن، مەن تېخى توخۇمىكىن دەپتىمەن، - دەپتۇ ھېلىقى بالا. - بۇ قۇشنىڭ ھېچقانداق قىزىققۇدەكمۇ يېرى يوق ئىكەن. قارىمامسەن دۈگدىيىپ تۇرۇشنى...، - دەپتۇ باياتىن گەپكە ئارىلاشماي قاراپ تۇرغان بىر بالا. بالىلار بىر ئاز قارىشىپ تۇرۇشقاندىن كېيىن كېتىشىپ قاپتۇ. بۇ گەپلەر قىرغاۋۇلنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپتۇ. ئويلىغانسېرى قورسىقى يېرىلغۇدەك كۆپۈپتۇ. كۆڭلىدە توزغا نىسبەتەن ھەسەتخورلۇقى ئېشىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ توز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا باشلاپتۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن توزنىڭ تازىمۇ ئىچى پۇشۇپتۇ. ئامال قىلىپ قىرغاۋۇلنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشنىڭ كوچىغا چۈشۈپتۇ. قانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالالماپتۇ. بىر كۈنى تۇيۇقسىز قىرغاۋۇل نېمىدىندۇر كۆڭلى ئېچىلغاندەك خۇشال ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ توز شادلىققا چۆمۈپ ئۇنى مېھمان قىپتۇ. ئۇلار يەپ - ئىچىشىپ بولغاندىن كېيىن، قىرغاۋۇل توزغا قاراپ: - دوستۇم، ئۇزۇندىن بۇيان ساڭا دېيەلمەي كېلىۋاتقان بىر ئويۇم بار ئىدى، خاپا بولمىساڭ ئېيتىپ باقاي. مەن سېنىڭ گۈزەللىكىڭگە بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن، بولۇپمۇ سېنىڭ نەپس پەيلەر بىلەن بېزەلگەن كۆڭلىكىڭ، بېشىڭدىكى ئاجايىپ كۆركەم تاجىڭ كېچىسى چۈشۈمگىمۇ كىرىۋېلىپ، مېنى بەكمۇ بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر سەن رازى بولساڭ، كۆڭلىكىڭنى كىيىپ، تاجىڭنى بېشىمغا قاداپ، ئۆزۈمنى ئەينەكتە بىر كۆرۈپ باقسام، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ساددا توز قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە: - دوستتىن ئايايدىغان نېمە بار، مەيلى كىيىپ باققىن، - دەپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ رەڭدار كىيىمىنى سېلىپ قىرغاۋۇلغا بېرىپتۇ، بېشىدىن تاجىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويۇپتۇ. ھەر خىل نۇرلار كۆزنى قامشتۇرۇپ جۇلالىنىپ تۇرغان بۇ يېنىك، نەپىس كىيىملەرنى كىيىۋالغان قىرغاۋۇل، ئۆزىنى گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق، قۇشلارنىڭ پادىشاھىدەك ھېس قىپتۇ. ئىرغاڭلاپ ھەر تەرەپكە مېڭىپ بېقىپتۇ. بارلىق ئاۋازى بىلەن سايراپتۇ. ئۇنىڭ يېقىمسىز بوغۇق ئاۋازى بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئۆزىگە خېلىلا يېقىملىق تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ تېزرەك كېلىپ ماختىشىنى ئىچىدە تىلەپتۇ ۋە ئېگىز بىر دەرەخ تۆپىسىدە ئولتۇرۇپ: توختا، ئەمدى مەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن كىيىم - كېچەك ۋە تاجىغا ئىگە بولۇپ، گۈزەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدىم. توز بۇ كىيىملەرنى ئۇزۇن كىيدى، شۇمۇ يېتەر... دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ تاپقان بۇ ئەقلىدىن رازى بولۇپ كېتىپتۇ. خېلىدىن بىرى پەستە ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە سەپېسىلىپ، ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا خۇش بولۇپ قاراپ تۇرغان توز كۈلكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. قىرغاۋۇل ئېگىز دەرەخ ئۈستىدە تۇرۇپ ھېچقانداق تەپتارتماستىنلا: - ھە دوستۇم، مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ دانىشمەنلىكىگە )ئەقىل - پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەنلىكىمگە( خۇش بولۇپ كۈلۈۋاتىمەن. گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتسام، سەن بۇ كىيىملەرنى كىيىۋېرىپ زېرىكىپمۇ قالغانسەن. ئەمدى يېڭى پاسۇندا كىيىم تىكتۈرۈۋالغىن، خەير - دەپتۇ - دە، تېخىمۇ ئېگىز شاخقا چىقىۋېلىپ سەت ئاۋازى بىلەن كۈچەپ سايرىغىلى تۇرۇپتۇ. توز ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى، قىرغاۋۇلنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىقىنى پەقەت شۇ چاغدىلا سېزىپتۇ. ئۇ بەكمۇ غەزەپلىنىپتۇ، روھىي جەھەتتىن ناھايىتى بىئارام بوپتۇ. ئاخىر قىرغاۋۇلغا قاراپ: - بوپتۇ دوستۇم، سەن مېنىڭ كىيىملىرىمگە ھەۋەس قىلغان بولساڭ، كىيىش ساڭا نىسىپ بولسۇن، بىراق بىر نەسىنى سەندىن سورىۋالسام، - دەپتۇ. - ھە، سوراۋەرگىن ئاداش، نېمە دېسەڭ مەن رازى، - دەپتۇ قىرغاۋۇل. - سەن مېنى ئالداپ ئۆزۈڭنىڭ يامان غەرىزىڭنى ئەمەلگە ئاشۇردىڭ. بۇ ھىيلە - مىكىرنى ھېچقانداق جايدا باشقا بىرىگە سۆزلەپ يۈرمەسلىككە، ئۆزۈڭنىڭ قانداق تۇزاق قۇرۇپ مېنى ئالداپ كەتكىنىڭنى ئېيتماسلىققا ۋەدە بەرسەڭ، - دپتۇ توز. - نېمىشقا؟ - دەپ سوراپتۇ قىرغاۋۇل. - چۈنكى، مەن ھازىر باشقىلارمۇ بىرەرىدىن ياردەم سورىسا، ياردەم بەرگۈچىنىڭ: بۇنىڭغا ياخشىلىق قىلسام، ئۆزۈم ئالدىنىپ قالارمەنمىكىن، - دېگەن ئويدا سەمىمىي نىيەت بىلەن باشقىلارغا ياردەم قوللىرىنى سۇنماي قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان قىرغاۋۇل ئويلىنىپ قاپتۇ. ئۇ ئويلا - ئويلا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خاتا ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بەكمۇ بىئارام بوپتۇ ۋە توزدىن ئەپۇ سوراپ، كىيىملىىرنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى توز بىلەن قىرغاۋۇل يەنە بۇرۇنقىدەك ئايرىلماس يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
توز بىلەن قىرغاۋۇل | UyghurWiki | UyghurWiki