توخۇ بىلەن ئۆردەك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
توخۇ بىلەن ئۆردەك دوست بوپتۇ. ئۇلار ساياھەت قىلىپ كېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۆل بويىغا كەپتۇ. بىر پەس تاماشا قىلغاندىن كېيىن، ئۆردەك: >سۇ ئۈزگۈم كېلىپ كەتتى< دەپ كۆلگە كىرىپ سۇ ئۈزۈشكە باشلاپتۇ. توخۇ بولسا قىرغاقتا تۇرۇپ ئۆردەكنىڭ زۇمرەتتەك سۇ ئۈستىدە قېيىققا ئوخشاش بىمالال ئۈزۈپ ئوينىغانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ.
بىر ھازادىن كېيىن، ئۆردەك سۇدىن چىقىپ توخۇنىڭ قېشىغا كەپتۇ - دە:
- ئاداش، سۇ ئۈزۈش بەك كۆڭۈللۈك تاماشا، مەن ساڭا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن كۆلدە بىللە تاماشا قىلايلى، - دەپتۇ.
توخۇ ئۆردەكتىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئىچىدە: سەندىن ئۆگىنىش ماڭا نومۇس ئەمەسمۇ! دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغانلىقىنى يوشۇرۇپ:
- مەن سۇ ئۈزۈشنى ئاللىقاچان ئۆگىنىپ بولغان، بەلكى سەندىن ئوبدانراق ئۈزەلەيمەن، بۈگۈن سۇ ئۈزگۈم بولمىغاچقا، كۆلگە كىرمىدىم، سەن بىلەن سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى قىلسام، سېنى يېڭىپ قويۇشۇم مۇمكىن. بىز ئەتە مۇسابىقىلىشىپ كۆرەيلى، - دەپتۇ.
ئۆردەك بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ، ھە ئىككىيلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۆز ماكانلىرىغا قايتىشىپتۇ.
كاتىكىگە كىرىپ زادىلا خاتىرجەم بولالمىغان توخۇ ئەتىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆل بويىغا ئۆزى يالغۇز كەپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: ئۆردەكنىڭ چۆكمىگىنىگە قارىغاندا بۇ كۆل بەك تېيىز بولسا كېرەك، قېنى، مەنمۇ كىرىپ ئۈزۈپ باقايچۇ، ئۇ قىلالىغاننى مەن قىلالمامدىمەن؟ دەپ ئويلاپ كۆلگە سەكرەپتۇ.
توخۇ كۆلگە چۈشۈشى بىلەنلا پەي - قاناتلىرى ئېغىرلىشىپ سۇغا چوڭقۇر چۆكۈپ كېتىپتۇ، ئاخىر بولماي ھاكاۋۇرلۇق، يالغانچىلىق، ھەسەتخورلۇقنىڭ زىيىنىدىن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ.