UyghurWiki
UyghurWikiماسالكىچىك سۇ ئازگىلى

كىچىك سۇ ئازگىلى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى يامغۇردىن كېيىن كىچىك سۇ ئازگىلىغا ئازراق سۇ يىغىلىپ قاپتۇ ۋە بۇ سۇدا نۇرغۇنلىغان مەنزىرىلەر ئەكىس ئېتىپتۇ. - مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ بۇنچىۋالا چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بايقىمىغانىكەنمەن، - دەپتۇ سۇ ئازگىلى يېنىدىكى كىچىك ئوتقا قاراپ، - قارا، ماڭا كۆك ئاسمان، دەرەخلەر، تاغ چوققىسى سىغىدۇ؛ يەنە تېخى ئالەمدىكى ئاي بىلەن قۇياشمۇ سىغىدۇ! بۇ چاغدا بىر موزاي سۇ ئىچكىلى كەپتۇ. ئۇ كىچىك ئازگالدىكى سۇدا ئەكىس ئەتكەن مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، ئارىسالدى بولۇپ قاپتۇ ۋە ئارقىسىدا كېلىۋاتقان ئانىسىغا: - بۇ يەر خېلى چوڭقۇردەك قىلىدۇ. مەن قورقۇۋاتىمەن، - دەپتۇ. ئانىسى سۇ ئازگىلىغا يېقىن كېلىپ قاراپتۇ ۋە موزىيىغا: - بالام، سەن قورقما، بۇ سۇدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ كۆرسەڭلا، ئۇنىڭ چوڭقۇر ياكى تېيىز ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلىسەن، - دەپتۇ. موزاي ئېڭىشىپ سۇدىن ئاز - ئازدىن ئىككى قېتىم سۈمۈرگەنىكەن، ئازگالنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قاپتۇ ھەم ئازگالدىكى ھېلىقى مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولۇپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال