تال ۋە بېدىش
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
دېھقاننىڭ ھويلىسىدىكى ئۈۈم تېلى مۇستەھكەم بېدىش ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ، مەغرۇر سوزۇلۇپ يېتىپ كۆپكۆك يوپۇرماقلىرى ۋە مەرۋايىتتەك ئۈزۈم ساپاقلىرىغا قاراپ قويۇپ، بېدىشنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى:
- ھە، بېدىش، كۈن نۇرىدا قۇرۇپ كەتكەن قوۋزىقىڭغا قارىغىنا، نېمىدېگەن سەتلىشىپ كەتكەن!
بېدىش بۇ ھاقارەتنى ئاڭلاپ، تەمكىن قىياپەتتە:
- سەن مېنىڭ كۈن نۇرىدا قارىداپ كەتكەن قوۋزىقىم ئىچىدىكى مەزمۇت ياغىچىمنىڭ كۈچى بىلەن قەددىڭنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇنداق باراقسان بولدۇڭ. مەن بولمىغان بولسام، يەردە دەسسىلىپ كەتكەن بولاتتىڭ، - دەپ سۆزلىدى.
بېدىشنىڭ ئورۇنلۇق جاۋابى بىلەن دەككىسىنى يەپ ئوڭايسىزلانغان تال يەنە گەپ يورغىلىتىشقا تەمشىلىۋىدى، يوپۇرماقلار ئارىسىدا بېدىش ياغىچىغا تايىنىپ تۇرغان بىر ساپ ئۈزۈم:
- ئەي تال، ئۇنچىۋالا كۆرەڭلەپ كەتمە، بېدىش بولمىسا، سېنىڭ ھالىڭمۇ خاراب بولاتتى، مەنمۇ شېرىن بولۇپ يېتىشەلمەس ئىدىم، - دەپ سۆزلەپ كەتتى.
تال بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ گەپ تاپالماي، دۇدۇقلاپ يۈزى قىزاردى.