چاشقانلارنىڭ ئوزۇق ئىزدىشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كۈن كەچتە چاشقانجان،
ئوۋغا چىقتى مارىلاپ.
ئوزۇق ئىزدەپ قاترىدى،
ئۆي ئىچىنى ئارىلاپ.
كات يېنىدا بىر ھازا،
ھەپىلەشتى پىرقىراپ.
بىرەر يوچۇق تاپالماي،
كەتتى بەكمۇ تىت - تىتلاپ،
بىر چاغ ھېرىپ چاشقانجان،
تۇرۇپ قالدى بۇلۇڭدا.
سېزىپ قالدى خۇش پۇراق،
بۇندا تۇرغان بىر تۇڭدا.
>ئوبدان ئولجا تاپتىم< دەپ،
پاتماي كەتتى قېنىغا.
دادىسىغا ئېيتماق بولۇپ،
ياندى دەرھال ئىنىغا.
خۇش خەۋەردىن چاشقانباي،
سەكرەپ كەتتى، شادلاندى.
جەمەت باشلاپ ئولجىنى،
يېمەك بولۇپ ئاتلاندى.
كەلگەن چاغدا چاشقانلار،
ئولاش - چولاش چىش بىلەپ؛
كەتكەنىكەن ئىگىسى،
تۇڭنى ئورنىدىن يۆتكەپ.
شۇنىڭ بىلەن باشلاندى،
>كىتىر - كىتىر< ئاختۇرۇش.
قالمىدى ھېچ خىلۋەت جاي،
ئەسكى ئاياغ، ماز، پۇرۇچ...
كۆرۈپ قالدى چاشقانگۈل،
بىر چاغ قېلىن كىتابنى.
- تاپتىم! - دېدى، - ئاش - ئوزۇق،
قاچىلانغان چوڭ قاپنى.
خۇشال بولۇپ چاشقانلار،
>قاپ< نى سۆرەپ مېڭىشتى.
ئۆتۈپ پىنھان - دالدىغا،
>قاپ< ئاغزىنى ئېچىشتى.
ئېچىشتىيۇ، ۋىچىرلاپ،
ۋايداد، سېلىپ قېچىشتى.
قورققىنىدىن نەچچىسى،
ھوشلىرىدىن كېتىشتى.
بار ئىكەن بۇ كىتابتا،
بىر مۈشۈكنىڭ سۈرىتى.
سۈرلۈك ئىكەن چىرايى،
ئۇزۇن ئىكەن بۇرۇتى...