قوچقارنىڭ دۆتلۈكى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
چىقىپ كەتتى ئېغىلدىن،
قارا قوچقار ئويناقلاپ.
ئىشىك قالغاچ ئوچۇقلا،
كىردى ئۆيگە بىر تاقلاپ.
تۈز ئەينەكلىك ئىشكاپقا،
كۆزى چۈشتى شۇ ھامان.
تۇرغان تۇرقى قوچقارنىڭ،
بولدى ئەينەكتە ئايان.
ئوبدان قاراپ ئەينەككە،
كۆرۈپ قوچقار ئۆزىنى.
رازى بولماي ئەينەكتىن،
ئالايتتى ئۇ كۆزىنى.
تۇراتتى تۈز ئەينەكتە،
پاخپايغانچە يۇڭى سەت.
قىغ - ماياقلار چاپلاشقان،
قۇيرۇقىغا ئون قەۋەت.
قوچقار دېدى ئەينەككە:
- مەن كېلىشىدىكەن بىر قوچقار!
مۈڭگۈزۈممۇ چىرايلىق،
يۇڭلىرىم ئۇز، ساپ، پار - پار!...
ئەي - ئەي ئەينەك، سەت - ئەينەك،
مېنى مازاق ئەتتىڭمۇ؟
مېنى خۇنۈك كۆرسىتىپ،
مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ؟!
مېنى قىلدىڭ مەسخىرە،
قارىمايمەن يۈزۈڭگە،
قىلمىشىڭنى مانا كۆر،
كۆرسىتىمەن كۆزۈڭگە!...
قوچقار گەپنى تۈگىتىپ،
ئارقىسىغا چېكىندى.
بار كۈچىنى يىغىپ ئۇ،
ئالدىغا تېز سىلكىندى.
ئۈستى ئۇ ئەينەككە،
تاقلاپ - سەكرەپ بارغانچە.
توختاپ قالدى شۇ پېتى،
باش - كۆزىنى يارغانچە.
كۆرەلمىدى ھېچ يەرنى،
كەتكەچ كۆزى تىلىنىپ.
چىقالمىدى ئىشكاپتىن،
قالغاچ مۈڭگۈز ئىلىنىپ...
پىچاق ئېلىپ ئىگىسى،
كەلدى ئۇنىڭ قېشىغا.
قوچقارجاننىڭ دۆتلۈكى،
چىقتى ئاخىر بېشىغا.