UyghurWiki
UyghurWikiماسالغاز بىلەن ئۆرەك

غاز بىلەن ئۆرەك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كۆل بويىدا غاز بىلەن ئۆردەك گەپ تالىشىپ قاپتۇ. - بىز نېمىدېگەن چىرايلىق! بىز ئەزەلدىنلا ئاپئاق، پاكىز يارالغان، شۇڭا پاسكىنا كىر بولمايمىز، - دەپ ئۆردەك ماختىنىپتۇ. - دوستۇم، بىزنىڭ ئاپئاق ۋە پاكىز بولۇپ، چىرايلىق كۆرۈنۈشىمىز، - ھەر كۈنى ئۆزىمىزنى سۇدا يۇيۇپ، تازىلاپ تۇرغانلىقتىن، - دەپتۇ غاز سالماقلىق بىلەن. - مەن سۇدا يۇيۇنمىساممۇ ئاپئاق، پاكىز تۇرۇۋېرىمەن، - دەپ ئۆردەك جاھىللىق قىلىپ، جاڭگاللىقنىڭ ئىچىگە يۈرۈپ كېتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا توپا - چاڭنىڭ ئىچىدە يۈرگەن ئۆردەكنىڭ پەيلىرى تەتۈر ئۆرۈلۈپ، كۆمۈردەك قارىداپ كىرلىشىپتۇ، تەن - سالامەتلىكىمۇ ناچارلىشىپ، ئارانلا كۆلنىڭ بويىغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ غازنى كۆرگىنىدە ئىزا تارتقىنىدىن بېشىنى يەرگە ئېگىپ: - دوستۇم، سېنىڭ ئېيتقىنىڭ بەكمۇ توغرا ئىكەن، بارلىق گۈزەللىك پاكىزلىكتىن كېلىدىكەن. پاكىز بولغاندا، تەن ساق بولىدىكەن. مەن ھەر كۈنى يۇيۇنۇپ، تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندىم، - دەپ سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇشقا كىرىشىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
غاز بىلەن ئۆرەك | UyghurWiki | UyghurWiki