UyghurWiki
UyghurWikiماسالقەغەز ۋە قەلەم

قەغەز ۋە قەلەم

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى دۇنيادا مەندەك قىممەتلىك نەرسە يوق. كىتاب، گېزىت، ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭدىن ياسىلىدۇ، رەسساملار ماڭا چىرايلىق گۈللەرنى، گۈزەل، كۆركەم رەسىملەرنى سىزىدۇ. تېخى مەن كېلەچەكنىڭ ئۈمىدى بولغان ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆگىنىش ماتېرىيالى. مەن بولمىسام ئىلىم - پەن تەرەققىي تاپمايدۇ، شۇڭا مەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، - دېدى قەغەز ماختىنىپ. - ئەي قەغەز، ئۆزۈڭنى ئۇنچىۋالا ماختىما! ئەگەر مەن بولمىسام ساڭا رەسساملار قانداق رەسىم سىزىدۇ؟ يازغۇچى، شائىرلار قانداق يېڭى ئەسەرلەرنى يارىتالايدۇ؟ ئالىم، ئىنژېنېرلار قانداق چېرتيۇژ، سېخمىلارنى سىزالايدۇ؟ شۇڭا سېنىڭدىن مېنىڭ قىممىتىم چوڭ! - دەپتۇ قەلەم. قەغەز بىلەن قەلەم ئەنە شۇنداق گەپ تالىشىپ قىزىرىشىپ تۇرغاندا، چىراغ كۈلۈپ كەتتى ۋە: - ھەر ئىككىڭلار توختاڭلار! سىلەر ئاسماندىن چۈشكەنمۇ ياكى يەردىن ئۈنگەنمۇ؟ - دەپ سورىدى. - مېنى ئىنسانلار ئىجاد قىلغان، - دەپتۇ قەغەز. - مېنىمۇ ئىنسانلار ئىجاد قىلغان، - دەپتۇ قەلەم. - خۇش، ئۇنداق ئىكەن، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ماختىماڭلار، ئۆزىنى ماختاش ئەڭ ئەخمەقلىق، سىلەر ئىككىڭلار ئىتتىپاقلىشىپ ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇڭلار، سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكىگە، ئەقىل - پاراسىتىگە ھۆرمەت قىلىڭلار؟
← بارلىق تېمىلار ماسال