گۈل بىلەن پاقا
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
دوست بولۇشۇپ گۈل، بۇلبۇل،
يايراپتۇ كۈلۈپ.
ھەسەت قىپتۇ پاقىباي،
بۇ ھالنى كۆرۈپ:
- ھەمراھ بولسا بۇلبۇلغا،
چىرايلىق گۈللەر،
تۇيۇلمامدۇ بەك ئېغىر،
ماڭا بۇ كۈنلەر.
ئاشۇ خىيال كىرگەچكە،
ئۇنىڭ بېشىغا.
يول ئېلىپتۇ پاقىباي،
گۈلنىڭ قېشىغا.
دەپتۇ پاقا كۇركىراپ:
- بۇلبۇلغا باقما.
سايرىشىغا ئالدىنىپ،
مەڭزىڭنى ياقما.
مەن سايرايمەن كۇركىراپ،
بۇلبۇلدىن ئېسىل.
ئۇنى تاشلا، كەل، مېنىڭ،
بوينۇمغا ئېسىل...
شۇنداق دەپلا باقىباي،
گۈلنى ئېگىپتۇ.
بۇ ئىش گۈلنىڭ كۆڭلىگە،
راسا تېگىپتۇ.
- يېقىن كەلمە، - دەپتۇ گۈل، -
بۇزما ئارىنى.
بىلگۈچىلىك ئەقلىم بار،
ئاقنى - قارىنى.
دوستلۇقنى ھېچ ئۈزمەيمەن،
بۇلبۇلجان بىلەن.
ئوينىمايمەن ھەرگىزمۇ،
سەن يامان بىلەن.
گۈلنىڭ سۆزى پاقىغا، بەكمۇ ھار كەپتۇ:
- ئەدىبىڭنى بەرمىسەم،
خەپ توختا...، - دەپتۇ.
ئېتىپتۇ ئۇ ئۆزىنى،
گۈلنىڭ بېلىگە.
>ۋايجان!< دەپتۇ كىرگەچكە،
تىكەن تېنىگە.
شۇنداق قىلىپ، پاقىباي،
بوپتۇ شەرمەندە.
ئىناق بولۇپ ئۆتۈپتۇ،
دوستلار گۈلشەندە.