UyghurWiki
UyghurWikiماسالھەسەل ھەرىسى بىلەن كېپىنەك

ھەسەل ھەرىسى بىلەن كېپىنەك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى باھار كېلىپ رەڭگارەڭ گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ، ھەر خىل قۇرت - قوڭغۇزلار تىرىلىشكە باشلاپتۇ. ھەرىلەر گۈللەردىن شىرنە يىغىشىپتۇ، كېپىنەكلەرمۇ گۈللەرنى ئارىلاپ سەيلە قىلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، دۇنياغا يېڭىدىن تۆرەلگەن ئالتۇندەك ساپسېرىق ھەسەل ھەرىسى بىلەن قاردەك ئاپئاق كېپىنەك دوست بولۇشۇپتۇ. ھەسەل ھەرىسى بىر تۈپ قېرى دەرەخنىڭ كامىرىدا ئۇۋا ياساپتۇ ۋە كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كۈنسېرى كۆپلەپ ھەسەل ئىشلەشكە باشلاپتۇ. بۇ ئىش بىر ئاچكۆز تۈلكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپتۇ. بى كۈنى تۈلكە نىيىتىنى بۇزۇپ ھەسەلگە چاڭ ساپتۇ، باشقا ھەرىلەر قورقۇپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ، ئەمما كىچىككىنە بۇ ھەرە تۈلكىنىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ - دە، ئۇچۇپ كېلىپ تۈلكىنىڭ ئۈستىبېشىنى راسا چېقىشقا باشلاپتۇ. تۈلكە ھەرىنىڭ ھەسىلىنى ئەمەس، بەلكى دەككىسىنى يەپتۇ. ئاغرىققا چىدىيالماي ۋارقىراپ كېتىپتۇ ۋە باش - كۆزلىرى ئىششىغان ھالدا قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋېتىپتۇ. ھەسەل ھەرىسى دۈشمىنىنى چېكىندۈرۈپتۇ، ئەمما قاتتىق ئېلىشىشتىن ئۆزىمۇ ھالسىزلىنىپتۇ - دە، بىردەمدىن كېيىن ئۇۋىسىنىڭ يېنىدا ئۆلۈپ قاپتۇ. بۇ جەريانلارنى باشتىن - ئاخىر كۆرۈپ تۇرغان كېپىنەك دەسلەپتە ناھايىتى ھەيران قاپتۇ، ئاندىن تەنە قىلغان ھالدا: - ئەي بىچارە ھەسەل ھەرىسى، سەن چېقىشنىلا ئويلاپ، نېمىشقىمۇ ئۆزەڭنىڭ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشمىغانسەن؟ مۇشۇنداق گۈزەل باھاردىن، لەززەتلىك گۈل شىرنىلىرىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالدىڭ. سەن نېمىدېگەن ئەخمەق - ھە! - دەپتۇ. كېپىنەكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان يەنە بىر ھەسەل ھەرىسى غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇچۇپ كەپتۇ: - بىز سەنلەردەك يۈرۈشنى بەكمۇ ئۇيات بىلىمىز، بىز ئەزەلدىن كوللېكتىپ مەنپەئىتىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئويلىغان ئەمەس! - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەككىسىنى يېگەن كېپىنەكنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپتۇ - دە، بېشىنى تۆۋەن سالغان پېتى ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ھەسەل ھەرىسى بىلەن كېپىنەك | UyghurWiki | UyghurWiki