ئەركىننىڭ چۈشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئەركىن تاپشۇرۇقلىرىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ تۈگەتتى - دە، ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى. چېكى يوق خىياللار دېڭىزىدا ئۈزۈۋېتىپ ھېرىپ كەتكەنلىكتىنمىكىن، بىر پەستىنلا ئۇخلاپ قالدى.
مانا، زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك ئاسمان، مامۇقتەك ئاپئاق بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرۈشىدۇ. ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئەركىن كۈمۈش لاچىننى غارقىرىتىپ ھەيدەپ كېتىۋاتماقتا. ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار، ياپيېشىل ۋادىلار، تولغىنىپ ئېقىۋاتقان دەريالار، ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئېدىرلار... پاھ، كۆك قەھرىدىن تۆۋەنگە قارىسا يەر يۈزى نەقەدەر گۈزەل كۆرۈنىدۇ - ھە!؟ ئەي، ئىسىت، مۇئەللىم يېنىمدا بولغان بولسا، كارامىتىمنى بىر كۆرسە: >تىرىشىپ ئۆگەنمىسەڭ، كەلگۈسىدە كارغا يارىمايدىغان ئادەم بولۇپ قالىسەن< دەپ ئەيىبلەۋەرمىگەن بولاتتى! ھەتتىگىنەي!... ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا بېشىنى چايقاپ قويۇپ، پەسلىمەكچى بولۇپ تۇراتتى، يەر يۈزىدىكى قوماندانلىق شتابىدىن بۇيرۇق كەلدى:
- دىققەت! ئالدىڭدا تۇمان بىلەن قاپلانغان بوغدا چوققىسى، دەرھال يەنە 100 مېتىر يۇقىرى ئۆرلە!
- خوپ! - ئەركىن جاۋاب بېرىۋېتىپ، يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى.
- ئەركىن! - ئەركىننىڭ قۇسۇرلىرىنى ھە دېسىلا كوچىلاپ تۇرىدىغان ساۋاقدىسى غەيرەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، - بېنزىن تۈگەپ قالاي دېدىغۇ! بۇ قېتىمقى مۇساپىگە قانچىلىك بېنزىن كېتىدىغانلىقىنى توغرا ھېسابلاپ قاچىلىدىم دېۋىدىڭغۇ، يول يېرىملاشماقتا...
ئەركىننىڭ يۈرىكى >جىغغىدە!< قىلىپ كەتتى. خاتا ھېسابلاپ قويغان بولسا - ھە! بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىدى...
- ئەمدى قانداق قىلساق بولار، غەيرەت؟ - ئەركىن تەمتىرەپ قالدى.
- چوققىدىن ئۆتۈپ بولۇپلا بىرەر تۈزرەك جاينى تېپىپ قونۇش كېرەك! - دېدى غەيرەت كەسكىنلىك بىلەن.
ھېلىمۇ ياخشى، غەيرەتنىڭ توغرا ھېسابلىشى بىلەن ئۇلار بىپايان ئورمان ئوتتۇرىسىدىكى بىر چىمەنلىككە ئامان - ئېسەن چۈشۈۋالدى.
شۇ ھامان ئايروپىلان ئەتراپنى سېرك ئۆمىكىنىڭ مايمۇن، جەرەن، ئېيىق، ئات، ئۆچكە، توشقان، ئىت قاتارلىق ئاتاقلىق ئارتىسلىرى ئورىۋېلىشتى.
- پاھ، ئەركىنغۇ بۇ! - دېدى مايمۇن ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشۈۋاتقان ئەركىنگە قولىنى ئۇزىتىۋېتىپ، - قارشى ئالىمىز! قارشى ئالىمىز!
- بىزگە دەرس ئۆتكىلى كەلدىڭىزغۇ دەيمەن، - دېدى توشقان خۇشاللىقىدىن تاقلاپ تۇرۇپ، - ئۆتكەن قېتىم ئويۇنىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن، سىزنىڭ: >سېرىك ئۆمىكىدە ئوقۇتقۇچى بولساممۇ قىزىق بولغۇدەك...< دېگەن گېپىڭىزنى ئاڭلاپ قالغانىدىم!...
- ھا! ھا! ھا!... - ئىت قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى، - ھېسابتا ئۆردەك تۇخۇمىدەك نۆل ئېلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئۇنداق ئوقۇتقۇچىدىن تەلىم ئېلىپ، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ دەپ ھېسابلاپ بەرگىلى تۇرساق، تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكىسىگە قالمايمىزمۇ؟!
راست، ئۆزى پىششىق بىلمىگەننى بىزگە قانداق ئۆگىتىدۇ؟! - دېدى ئېيىق ئىتنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، - ئۇنىڭدىن كۆرە، بىزگە غەيرەتنىڭ دەرس ئۆتكىنى تۈزۈك!...
ئەركىن ئۆلگۈدەك ئىزا تارتىپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي بەدەر تىكىۋەتتى، شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزى چىمىلداپ كەتتى. قاچا - قۇچا، ئاخىر قۇشلار بەس - بەستە نەغمە - ناۋا قىلىۋاتقان بىر يەرگە كەلگەندە، ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.
- بەللى، شائىر بولۇشقا بەل باغلىغان ئەركىن كېلىپ قاپتۇ، قارشى ئالايلى! - دېدى كاككۇك چاۋاك چېلىۋېتىپ، - بىزگە بىر شېئىر يېزىپ بەرسىڭىزچۇ، زوق - شوقىمىز بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىۋەتسەك!
توغرا، ئەركىن ئۆتكەندە بىر شائىرنىڭ دېكلاماتسىيە قىلىپ گۈلدۈراس ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ ئويغا كەلگەن ئەمەسمىدى! بىراق، تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ تەسلىكىنى دېسىغۇ شۇ...
- تالانتلىق ياش شائىرىمىز، - دېدى ھۆپۈپ ئەركىننىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ، - بىر شېئىر يازغانىدىم، قانراقراق چىقتىكىن، ئاڭلاپ باقسىڭىز!
ھۆپۈپ قەددىنى رۇسلاپ، ھاياجان ئىچىدە دېكلاماتسىيە قىلىشقا باشلىدى:
ئېھ!
ئېھ!!
ئېھ!!!
......
قۇملۇقتىكى شوق بېلىق،
دېڭىزدىكى نار تۆگە...
كۆكتە ئۈزەر ئاق پاختا،
يەردە بۇلۇت بىر دۆۋە...
- پاھ - پاھ! ... نېمىدېگەن قاملاشقان شېئىر! - دەپ چاۋاك چېلىۋەتتى ئەركىن.
- شۇمۇ شېئىر بولدىمۇ؟! - دېدى مايمۇن مەسخىرە قىلىپ، - مەنتىقىلىق بولۇش - شېئىرغا قويۇلىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم، شۇنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ شېئىرغا قانداقمۇ توغرا باھا بەرگىلى بولسۇن؟!
ئەركىن خىجىل بولغىنىدىن، يەرگە كىرىپ كېتەي دېسە تۆشۈك، ئاسمانغا چىقىپ كېتەي دېسە شوتا تاپالماي، قۇلىقىنى چىڭ ئەتتى - دە، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتتى. ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قاتتىق كۈلكە ساداسى خېلى يىراققىچەقۇلىقى تۈۋىدە گۈلدۈرمامىدەك ياڭراپ تۇردى.
ئۇ ھېرىپ مادارى قالماي، ئۆزىنى چىمەنلىككە تاشلىدى. بىر ھازادىن كېيىن ھوشىنى تېپىپ، خىيالغا چۆكتى...
- بولدى، بىئارام بولىۋەرمە! - چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرگەن ئەركىن ئالدىدا قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ تۇرغان تۈلكىنى كۆردى، - خىجىل بولۇپ كەتكۈچىلىك نېمىسى بار؟ - دېدى تۈلكە ھىجايغان پېتى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - سەن مېڭە ئىشلىتىشنى خالىمايسەن، ئويۇنغا ئامراق، دەرەخكە يامىشىپ، تامدىن ئارتىلىپ ئويغىنىنىڭ ئوينىغان. بۇ، مېنىڭچە، ئارتۇقچىلىق! باشقىلار سېى ئۇستاز تۇتقۇسى كەلمىگەن بولسا، مەن تۇتاي، >ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ< دېگەندەك...
- مەن ساڭا نېمە ئۆگىتىمەن؟
- توخۇ ئوغرىلاشنى!
مانا، ئوچۇق ھاۋادا چېقىلغان چاقماق! ئەركىننىڭ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ، بېشى پىرقىراپ ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا گويا شۇ تاپتا ئاسمان - زېمىن ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن - تاڭ، ئاران تەستە ھوشىنى يىغىپ، ئەتراپقا قارىدى، يېنىدا توخۇ شورپىسى قاينىتىپ ئولتۇرغان تۈلكىنى كۆردى.
- مانا مۇشۇنداق، ئىشىمىز ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس، - دېدى تۈلكە قاش - كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، - بۇنىڭغا كۆپ مېڭە ئىشلىتىش ھاجەتسىز. كاتەككە بارىسەن - دە، توخۇنىڭ گېلىدىن >غىققىدە< بوغىسەن، ئەكېلىپ مەززىلىك شورپا پىشۇرۇپ، ھۇزۇرلىنىپ مەززە قىلىسەن، قىسقىسى، يەپ - ئىچىش، ئويناش - كۈلۈشنى بىلسەڭلا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام، ۋەسسالام! بۇ خىزمەت دىتىڭغا جەزمەن ياقىدۇ!...
ئەركىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنىنى چاچرىتىپ، مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگكىنىچە تۈلكىگە تاشلىنىۋىدى، قازانغا پۇتلىشىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشتى، پورۇقلاپ قايناۋاتقان قىزىق شورپا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلدى. ئۇ ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي دەھشەتلىك چىرقىرىۋەتتى - دە، ئويغىنىپ كەتتى...
ئەركىن قارا تۈرگە چۆمۈلگەن ئەزاسىنى سۈرتكەچ، باياتىن كۆرگەن چۈشىنى بىر - بىرلەپ ئەسلەپ چىقتى. ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقىنىغا، مۇئەللىمنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي. بەڭباشلىق قىلىپ ياخشى ئوقۇمىغىنىغا، غەيرەت قاتارلىق ساۋاقداشلىرىنىڭ بەرگەن سەمىمىي ياردىمىنى قوبۇل قىلماي، ئەكسىچە، ئۇلاردىن بىھۇدە ئاغرىنىپ يۈرگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلدى: بۇنىڭدىن كېيىن جەزمەن تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەلاچىلارغا يېتىشىۋالىمەن! دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە.