سۇ كالىسى ۋە چۈمۈلە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
يېمەكلىك ئىزدەپ يۈرگەن بىر چۈمۈلە ئالدىراپ ئۇۋىسىغا كىرىپ:
- پادىشاھى ئالەم، يول بويىدا بىر ئۆلۈك چىۋىن تۇرىدۇ، - دەپ دوكلات قىپتۇ.
- ئۆلۈك چىۋىن؟ ئۇنىڭدىن نېمە پايدا! - چۈمۈلىلەر پادىشاھى بېشىنى ئىرغىتىپ تۇرۇپ، - بىر ئۆلۈك چىۋىن قانچىلىك ئوزۇق بولاتتى! - دەپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن، يەنە بىر چۈمۈلە ھاسىراپ - ھۈمۈدەپ يۈگۈرۈپ كىرىپ:
- پادىشاھى ئالەم، ئوت - چۆپلۈكتە بىر پۇتى يوق چېكەتكە تۇرىدۇ، - دەپتۇ.
- چېكەتكە؟ - چۈمۈلىلەر پادىشاھى يەنە قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ، - بىر چېكەتكە، يەنە كېلىپ بىر پۇتى يوق تۇرسا، ئۇ قانچىلىك ئوزۇق بولاتتى! - دەپتۇ.
يەنە بىر ئازدىن كېيىن، يەنە بىر چۈمۈلە ھودۇققان ھالدا يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ ۋە:
- ۋاي پادىشاھى ئالەم، بىر سۇ كالىسى ئۇۋىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇخلاپ قاپتۇ، - دەپتۇ.
سۇ كالىسى!؟ - چۈمۈلىلەر پادىشاھى خۇشاللىقىدىن توۋلىۋېتىپتۇ، - بۇ كاساپەتنى بىز خېلى ئۇزۇن ۋاقىت يەيمىز. بارلىق چۈمۈلىلەرنىڭ ھەممىسى ئاتلانسۇن، دەرھال ئەكىرىڭلار!
چۈمۈلىلەر پادىشاھىنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن تۈمەنلىگەن چۈمۈلىلەر ئۇۋىسىدىن چىقىپ سۇ كالىسىنىڭ بەدىنىگە يامىشىپتۇ، سۇ كالىسى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، بەدىنىنىڭ قىچىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىپتۇ - دە، سۇغا كىرىپ راسا يۇيۇنۇپتۇ. چۈمۈلىلەر بولسا سۇدا بۇرۇختۇم بولۇپ ئۆلۈپتۇ.